ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى: پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى «ئۇيغۇر سوتى»نى بىتەرەپ ھالدا قوللىشى كېرەك

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا چاقىرىدۇ.

ئۇيغۇر سوتى-ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان خەلقئارالىق سوتتۇر.

باش ماقالە: پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى »ئۇيغۇر سوتى»نى بىتەرەپ ھالدا قوللىشى كېرەك

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتى، 7-سېنتەبىر

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا چاقىرىدۇ.

ئۇيغۇر سوتى-ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان خەلقئارالىق سوتتۇر.

مەزكۇر سوت-خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئادۋوكات ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مۇستەقىل سوتچىلاردىن تەشكىل تاپقان كوللېكتىپ بولۇپ، پۈتۈن جەرياندا بارلىق خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەر، قانۇنىي تەرتىپلەرگە تولۇق رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇستەقىل، ئىشەنچىلىك بولغان سوتتۇر.

مەزكۇر سوت-ھېچقانداق دۆلەت ياكى تەشكىلاتقا بېقىنمايدۇ، مەقسەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا،ھېچقانداق دۆلەت ياكى تەشكىلاتقا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلغان مۇستەقىل سوتتىن ئىبارەت.

.شۇنداقلا مەزكۇر سوت -ھېچقانداق ئىدىئولوگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئەمەسلىكى ئاشكارا.مەزكۇر سوتقا نەچچە يۈزلىگەن چەتئەللىك مۇتەخەسس ۋە پىدائىيلار كۈچ قوشماقتا،ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەسسە قوشماقتا.بۇ ئەھۋالدا بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەزكۇر سوتنى قوللاش-ئ‍نسانلىق ۋە ئۇيغۇرلۇق مەجبۇرىيتىمىزدۇر.، 

مەزكۇر سوت باشلانغاندىن بېرى، ئىككى قولى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولى بىلەن بويالغان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھېمايىچىلىرى مەزكۇر سوتنى، سوتنى تەشكىللىگۈچىلەرنى، سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى قارىلاش ۋە ئۇلارنىڭ سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىقات كۈرىشى قانات يايدۇرۇپ، سوتنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش، ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر سوتقا قارشى سۆزلىتىش، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ساختا ھېسابلار ئارقىلىق سوتقا قارشى ھۇجۇم تەشكىللەش، كۆپ تىلدا ماقالە يېزىپ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى ھاقارەت قىلىش ۋە روھى زەربە بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شۇنداق قارايدۇكى، ئۇيغۇر سوتىغا ھۇجۇم قىلىش-ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئوخشاش. ئۇيغۇر سوتىغا ھۇجۇم قىلىش-ئۇيغۇرغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغان بىلەن ئوخشاش.

بىز بۇ سەۋەبلىك، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر سوتىنى مەنىۋىي ۋە ماددىي جەھەتتە قوللاشقا، مەزكۇر سوتنىڭ توغرا، قانۇنى ۋە ساغلام، بىخەتەر ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنى دۇنيا بويلاپ پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر سوتىغا قارشى ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش-ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئ‍ورتاق بۇرچى بولۇپ، خىتايغا ئۆز تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىش پۇرسىتى بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ھەر بىرىمىز قولىمىزدىكى تەشۋىقات كۈچىنى ئىشقا ئېسىلىپ، ھەقىقەتنىڭ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشىمىز، خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشقا، ئادالەتنىڭ سوتىغا تارتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز.

ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئۆز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتكە سۈكۈت قىلىش-جىنايەتنى قوللاشتۇر.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مۇدىرىيىتى،7-سېنتەبىر

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر يۇنايتىد-2021-يىللىق ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابېقىسى چىمپىيونلۇقىغا ئېرشتى.ئۇيغۇر كارخانىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى قوللىدى.

چا سېنتەبىر 8 , 2021
ئۇيغۇر يۇنايتىد (Uyghur United )-بىرلەشكەن ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن)-ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇيغۇر يۇنايتىد كىلاسسكو كوماندىسى (ۋېرگىنىيە شتاتىدىن كەلگەن) بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر يۇنايتىد ياشلار كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى توپ نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقتى.

You May Like