نۆۋەتتىكى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنى قايسى پارتىيىلەر تەشكىللەيدۇ؟

نۆۋەتتىكى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنى قايسى پارتىيىلەر تەشكىللەيدۇ؟

 ئابدۇرەھىمجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 27 – سېنتەبىر

     26. سېنتەبىر گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمەت سايلىمى ئاخىرلاشتى. بۇ سايلامنى گېرمانىيە خەلقى : فېدېرال پارلامېنت سايلىمى، فېدېرال ھۆكۈمەت سايلىمى، باش مىنىستىر سايلىمى، فېدېرال ھۆكۈمەت باشلىقى سايلىمى- دېگەندەك مەزمۇنلاردا ئاتايدۇ. 

 

   گېرمانىيىنىڭ سايلام ئەھۋالى ئامېرىكىنىڭ، فرانسىيەنىڭ، تۈركىيىنىڭ سايلاملىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. 16 قوشما جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يەرلىك سايلاملىرى ئايرىم ۋاقىتلاردا، ئۆزگىچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ياكى ئوخشاش مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، مەركىزى پارلامېنت سايلىمى بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق. ئەمما ۋاسىتىلىك ھالدا قىسمەن تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. 

 

   گېرمانىيىدە فېدېرال پارلامېنتقا مىللەت ۋەكىلى كىرگۈزەلەيدىغان پارتىيىلەر، فېدېرال ھۆكۈمەتنى تەشكىللىيەلەيدىغان پارتىيىلەر، رېسپۇبلىكىلىق يەرلىك پارلامېنتقا مىللەت ۋەكىلى كىرگۈزەلەيدىغان ۋە رېسپۇبلىكا يەرلىك ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلالايدىغان پارتىيىلەر، ئاساسەن گېرمانىيىنىڭ سىياسى ئەنئەنىسىنىڭ چەمبىرى ئىچىدە نامايەندە بولىدۇ. 

 

   گېرمانىيىدە كوممۇنىست پارتىيىسىدىن باشقا سىياسى پارتىيىلەر چەكلەنمەيدۇ. ھەتتا ناتسىستلار ئەڭ كۆپ بەزى رېسپۇبلىكىلاردا《NPD》 ناملىق، ئوچۇق ئاشكارە ناتسىست پارتىيىسى بار. گېرمانىيە ناتسىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان بەزى رېسپۇبلىكىلارنىڭ سىرتىغا پارتىيە خاراكتېرلىق كېڭىيەلمىگەنلىكى ۋە فېدېرال پارلامېنتقا مىللەت ۋەكىلى كىرگۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، چاپاننى ئالماشتۇرۇپ، 2013. يىلى《 AFD》ناملىق يەنە بىر پارتىيەنى قۇرۇپ چىقتى. ناتسىستلار سىياسى تاكتىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە فېدېرال پارلامېنتتا ئورۇن ئىگىلەشتىن ئىبارەت، سىتراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەممە رېسپۇبلىكىلىرىدا كۆزگە چېلىقىپ، يەرلىك سىياسەتتىن باشلاپ، مەركىزى فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگىچە قانۇنلىرىنى بەلگىلەشكە تەسىر كۆرسەتمەكتە. 

 

   گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىغا مىللەت ۋەكىلى كىرگۈزەلىگەن پارتىيىلەر بىر بولسا ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە ئىتتىپاق تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئىجرائاتلىرىنى بەلگىلەيدۇ. ياكى قارشى ئۆكتىچىلىك قىلىش پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرگە قارشى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئىجرائاتلىرىغا، سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۆز پارتىيىلەرنىڭ پروگراممىلىرى بويىچە تەكلىپلەرنى سۇنىدۇ. مەيلى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەر بولسۇن، مەيلى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بولسۇن، فېدېرال پارلامېنتتا كېلەركى ھۆكۈمەت سايلىمىغىچە خىزمەت قىلىدۇ. 

 

    گېرمانىيە مەركىزى ھۆكۈمەتتە 16 يىل باشلىق( باش مىنىستىر) بولغان ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ قوشكېزەك پارتىيىسى 《CDU》 – (دىنچى )خرىستىئان دېموكراتلار بىرلەشمىسى پارتىسى ۋە باۋارىيە رېسپۇبلىكىلىق《CSU》- ( دىنچى ) خرىستىئان سوتسىئالىستلار بىرلەشمىسى پارتىيىسى بىرلىكتە، كېينكى ئىككى قەرەل ئىزچىل ھالدا《SPD》سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ شەھەر سوراپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا مېركېل خانىمنىڭ 《CDU》پارتىيىسى بىلەن، سىڭلىسى《CSU》پارتىيىسى 47. يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ، فېدېرال پارلامېنتتا 24.1% ئاۋاز بىلەن، 196 ئورۇندۇقنى ئىگىلىدى. يەنى فېدېرال پارلامېنتتىكى بىرىنچىلىكنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك پارتىيە سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قالدى. 

 

    نۆۋەتتىكى فېدېرال پارلامېنتتا《SPD》سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى 25.7%  ئاۋاز بىلەن 206 ئورۇندۇقنى ئىگىلەپ، بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا《CDU/ CSU》 قوشماق پارتىيىدىن ئارمىن لاشېت، 《SPD》پارتىيىسىدىن ئولاف شولتس,《DIE GRÜN》يېشىللار پارتىيىسىدىن ئاننالېنا بېربوك خانىمدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى، باش مىنىستىر كاندىتاتلىقىغا تاللانغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى سايلام نەتىجىسى بىلەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى《SPD》نىڭ ئىلكىدە. يەنى ئولاف شولتس ئەپەندى باش مىنىستىرلىق ئورنىغا سالاھىيەتلىك. ئۇ قايسى پارتىيە بىلەن ئىتتىپاق ئورنىتىپ، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە. 

 

    ئالدىن تەپچىرىگەن ئۇچۇرلارمۇ، ياكى تەھلىلچىلەرنىڭ كۆز – قاراشلىرىمۇ،  ھەرھالدا ئولاف شولتس ئەپەندى بىلەن ئارمىن لاشېت ئەپەندى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنى بىرلىكتە تەشكىل قىلارمىش. يەنى كېيىنكى ئىككى قەرەل گېرمانىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان《CDU,CSU,SPD》قاتارلىق نامدا ئۈچ، ئەمەلىيەتتە ئىككى پارتىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيەنى داۋاملىق ئىدارە قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئالماشقان نەرسە باش مىنىستىرلىك – يەنى ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇش ئورنى. 

 

    بەزى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇر كۈندىلىك سىياسەت تەھلىلچىلىرىنىڭ ياكى پائالىيەتچىلىرىنىڭ: بۇ قېتىم فېدېرال ھۆكۈمەتكە يېشىللار پارتىيىسىدىن ئاننالېنا بېربوك خانىم باش مىنىستىر بولۇش  ئېھتىماللىقى يۇقىرى- دەپ ئالدىرىغانلىقىنى بايان قىلىنغان ئىدى . چۈنكى يېشىللار پارتىيىسى مەيلى فېدېرال ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشكە قاتناشقان چاغلاردىمۇ، مەيلى فېدېرال پارلامېنتتا ئۆكتىچى بولۇپ ئورۇن ئالغان چاغلاردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەپ كەلگەن. يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن كلاۋدىيا روت، مارگارېتتا باۋزۇ خانىملار، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشكا فىشېر، سابىق مۇھىت مىنىستىرى يۆرگېن ترىتتىن ئەپەندىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەردۇر. مارگارېتتا باۋزې خانىم- ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان، گېرمان سىياسەتچىلىرىنىڭ بىردىن بىر ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. 

 

     ئەپسۇس، بۇ قېتىمقى سايلامدا فېدېرال بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشكە، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. چۈنكى نۆۋەتتىكى فېدېرال پارلامېنتقا، ھەرقايسى پارتىيەلەردىن ۋە پارتىيەسىزلەردىن بولۇپ، 735 نەپەر مىللەت ۋەكىلى سايلانغان. ئەگەر سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى يېشىللار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەت تەشكىللىمەكچى بولسا، بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ فېدېرال پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنى، ئومۇمى ساننىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ. بەلكى خېلە بەكلا ئازلىق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە بىر ئۈچىنچى پارتىيەنى شىرىك قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. قالغان باشقا پارتىيەلەردىن 《DIE LINK》سولچىلار پارتىيىسى، سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە قاتناشمايدۇ. ھەم قاتناشقان تەقدىردىمۇ نۆۋەتتىكى ئىگىلىگەن ئاۋازى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئۈچ پارتىيە بىرلەشمىسى پارلامېنتتىكى ئومۇمى ساننىڭ يېرىمىغا يەتمەيدۇ.《FDP》لىبېراللار پارتىيىسىنى شېرىك قىلىۋالسا، سانمۇ يېتەرلىك ھەم پارتىيە پروگراممىلىرىدا چوڭ زىتلىقمۇ يوق، تازا باب كېلەتتى. بىراق لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەيدانى، فېدېرال ھۆكۈمەتكە قاتناشماستىن، قارشىسىدا تۇرۇپ ئۆكتىچى بولۇشنى تاللىۋالغانلغانلىقى مەلۇم. 

 

      مۇشۇ بىر قاتار مەسىلە تۈپەيلىدىن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ، ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقچىسى بولغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ فېدېرال ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن . ئەگەر ئالدىنقى ئىككى قەرەل فېدېرال ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن ئۈچ پارتىيە بۇ قېتىم يەنە ھۆكۈمەت تەشكىللىسە، گېرمانىيىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماسلىقى ئېنىق. مەزكۇر پارتىيىلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرى غەربكە قارىغاندا، خىتايغا بەكراق مايىل. 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تېمىسىدىكى كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

سە سېنتەبىر 28 , 2021
ستراسبۇرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش كىيىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى

You May Like