نىتانىياخۇنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى نۇتقى

(تەرجىماندىن سۆز: تۆۋەندىكىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇنىڭ ئۆز پارلامېنتىدىكى نۇتقى. دىققىتىڭلارنىڭ «كىم ھەق، كىم ناھەق؟ كىمگە مەيدان تۇتىمەن؟» دە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت/دۆلەتنىڭ رەھبىرى مىللىي مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆز خەلقى، دۈشمىنى ۋە خەلقئارا بېسىم/تەنقىدلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغىنىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەكرەم ئىلىك

 

(تەرجىماندىن سۆز: تۆۋەندىكىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياخۇنىڭ ئۆز پارلامېنتىدىكى نۇتقى. دىققىتىڭلارنىڭ «كىم ھەق، كىم ناھەق؟ كىمگە مەيدان تۇتىمەن؟» دە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت/دۆلەتنىڭ رەھبىرى مىللىي مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆز خەلقى، دۈشمىنى ۋە خەلقئارا بېسىم/تەنقىدلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغىنىدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

 

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى، 13- ماي

 

ئىسمايىل خانىيا ۋە خاماس رەھبەرلىرىگە سۆزۈم:

 

بىز — ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە غايەت زور تەشەككۈر ئېيتىشقا تېگىشلىكمىز. بىز قىلالمىغاننى سىلەر قىلدىڭلار. چۈنكى ھازىرقى زامان ئىسرائىلىيە دۆلىتى تارىخىدا، بىز ھېچقاچان بۇنچە ئىتتىپاقلىشىپ باقمىغان. مەيلى سولچىل ياكى ئوڭچىل بولسۇن، مەيلى دىندار ياكى سەكۇلار بولسۇن، ھەر بىر ئىسرائىلىيەلىك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر تەن بىر جان بولدۇق. بىلىۋېلىڭلاركى، ھىچبىرىمىز بىزنى ئىرق بويىچە يوقىتىش قەسىمىنى بەرگەن دۈشمەننىڭ ئاغزىغا قاراپ يول تۇتمايمىز.

 

ھازىر سىلەر ئاق – قارىنى ئايرىماستىن داۋاملىق تۈردە بىزگە راكىتا ھۇجۇمى قىلىۋاتىسىلەر. مەقسىدىڭلار ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك پۇقرالىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشتۇر. ئەمما ئۆزەڭلار بولساڭلار نامەرتلەرچە پۇقرالىرىڭلارنىڭ كەينىگە يوشۇرنىۋالدىڭلار. بۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزغا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. مەيلى يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا قانداق ئىچكى نىزا بولغان بولسۇن، ھازىر بىز بىر ئورتاق نىشانغا ئىگە بولدۇق، ئۇ بولسىمۇ سىلەرنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىمىز.

 

شۇنىڭدىمۇ سىىلەرگە يەنىلا ئاخىرقى بىر پۇرسەتنى بەرمەكچىمىز. 24 سائەت ئىچىدە بارلىق راكىتالىرىڭلار – تەكرارلايمەن – بارلىق راكىتالىرىڭلار، توختىشى كېرەك. ئۈزۈل – كېسىل ۋە مەڭگۈلۈك توختىشى كېرەك.

 

سىلەرگە رەسمىي ھالدا شۇنى ئۇقتۇرىمەن: تانكىلىرىمىز گازا چېگرىسىغا توپلاندى. زەمبىرەك ۋە ئايرۇپىلانلىرىمىز بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا. بىز گازانىڭ شىمالىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، پۇقرالىرىڭلارغا پات ئارىدا كىرىدىغىنىمىزنى ئۇقتۇردۇق. ئۇلار دەرھال جەنۇبقا چېكىنىشى كېرەك. ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تەلىپىمىزنى قاندۇرمايدىكەنسىلەر، كىرىمىز. خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن، بۇ قېتىم يېنىپ چىقمايمىز. بىز ئىشغال قىلغان ھەربىر سانتىمېتىر زېمىن ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېتىلىدۇ. شۇندىلا پۇقرالىرىمىز قايتىدىن ھۇجۇمىڭلارغا ئۇچرىمايدۇ.

 

شۇنىڭدىمۇ، ئۆز ئىناۋىتىڭلار بىلەن تەسلىم بولۇشۇڭلارغا ئىشىكىمىز داۋاملىق ئوچۇق. سىلەر قورالنى تاشلىغان شۇ دەقىقىدە، بىز ئىلگىرىلەشنى توختىتىمىز ۋە شۇ جايدا يېڭى چېگرايىمىزنى بېكىتىمىز. ئەگەر سىلەر داۋاملىق پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا بىزمۇ داۋاملىق جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، سىلەرنى مەڭگۈلۈك ھەيدەپ چىقىرىمىز. بۇ مۇقەددەس تۇپراقنى ھەرگىزمۇ بۇلغىيالمايدىغان بولىسىلەر.

 

پۇقرالىرىڭلارنىڭ مۇساپىرغا ئايلىنىشى يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇشنى بىز ئەمەس، سىلەر تاللىدىڭلار. ئەگەر چوقۇم پۇقرالىرىمىزنى شەپقەتسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقىڭلارغا تۇتۇپ بېرىش بىلەن پۇقرالىرىڭلارنى مۇساپىرغا ئايلاندۇرۇشتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولساق، ئۇ ھالدا كېيىنكىسىنى تاللايمىز، ئىنتايىن ئەپسۇس. ئەگەر بىزنى ئۆچ كۆرگەن دەرىجىدە ئۆز خەلقىڭلارنىمۇ سۆيگەن بولساڭلارتى، بۇ ئۇرۇش مەڭگۈ يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

 

دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە سۆزۈم:

 

«سىلەر ئۆزەڭلارنى تۇتۇۋالساڭلار بولىتى.» دەيدىغان پۈتمەس – تۈگىمەس ئەيىبلىشىڭلاردىن ئىسرائىلىيە زېرىكتى. سىلەرنىڭمۇ پۈتۈن خەلقىڭلار بىر جاھىل دۈشمەننىڭ راكىتا ھۇجۇمىغا توختاۋسىز ئۇچرىغاندا ۋە بۇ دۈشمەننىڭ نىشانى زېمىنىڭلاردىكى ھەربىر ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قەتلىئام قىلىش بولغاندا، ئاندىن كېلىپ بىز بىلەن «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» توغرىلىق پاراڭلىشىڭلار. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قوش ئۆلچىمىڭلارنى ئۆزەڭلارغا ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى چىرايلىقچە سورايمىز. بۇ قېتىم خاماس بەك ئۇزاپ كەتتى. خەلقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلگە تەييارمىز.

 

خاماس، خەلقىمىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ بەرگىنىڭلارغا قايتا رەھمەت ئېيتىمەن. كاللىسى شۇنچە سەگەك، نىشانى مۇتلەق بىرلەشكەن ئىسرائىلىيە خەلقى ئالدىدىكى ئۇزۇن مۇساپىدىن قورقۇپ قالمايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياش چاقچاقچى ھەمراھ قەييۇمنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئۈچۈن 9 يىللىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى

شە ماي 15 , 2021
يېقىندا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنىقلىشىمىزچە، داڭلىق ياش چاقچاقچى ھەمراھ قەييۇمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 2014- يىلى تىجارەت سەۋەبلىك تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «ۋەتەننى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلىش» جىنايىتىنى ئارتقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. مەزكۇر خەۋەرنى ھەمراھنىڭ ئامېرىكىدىكى دوستلىرىدىن ئالىمجانمۇ جەزىملەشتۈردى.

You May Like