دىققەت!!! شىياۋمى تېلېفونىنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكتى ئاشكارىلاندى

دىققەت!!! شىياۋمى تېلېفونىنىڭ ئىشپىيونلۇق ھەرىكتى ئاشكارىلاندى

تەييارلىغۇچى: قاڭقىل

 

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى 22 – سېنتەبىر

 

لىتۋا دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك ئىدارىسى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپادا سېتىلىدىغان شياۋمى  تېلېفونلىرى «ئەركىن تىبەت» ، « تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياشىسۇن» قاتارلىق سۆزلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە تەكشۈرەلەيدۇ. گەرچە Mi 10T 5G يانفونىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال ئىقتىدارى ياۋروپا بىرلەشمىسىدە چەكلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنى يىراقتىن قوزغىتىشقا بولىدۇ.

«جەنوبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، لىتۋا دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ماگناتى شياۋمىنىڭ ياۋروپادا سېتىلغان بايراقدار يانفونلىرى  «ئەركىن تىبەت» ، « تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياشىسۇن»  «مۇستەقىللىق »ياكى« دېموكراتىيە ھەرىكىتى » قاتارلىق دىگەن سۆزلەرنى بايقىغان ۋە تەكشۈرگەن.

دوكلاتقا قارىغاندا ، شياۋمى يانفۇنلىرىنىڭ سىستېما قوللىنىشچان پروگراممىلىرى (تور كۆرگۈنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەكشۈرەلەيدىغان ئاتالغۇلار تىزىملىكى نۆۋەتتە 449 خىتايچە ئاتالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاتالغۇلار تىزىملىكى داۋاملىق كۈپىيۋىتىپتۇ.

لىتۋا دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە Mi 10T 5G يانفون يۇمشاق دېتالىدىكى ئىقتىدارلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىلگىرى چەكلەنگەنلىكى ، ئەمما ھەر ۋاقىت يىراقتىن قوزغىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

لىتۋا دوكلاتىدا: «بۇ ئەھۋال لىتۋا ئۈچۈنلا ئەمەس ، شياۋمى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىدىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم.

لىتۋا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگىرىس ئابۇكېۋىچۇس دوكلاتنى تونۇشتۇرغاندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەكلىۋىمىز خىتاينىڭ يان تېلېفونىنى سېتىۋالماسلىق ،خىتاينىڭ يانفۇنىنى بۇرۇن  سېتىۋالغانلار بولسا  تېزدىن بىر تەرەپ قىلىۋىتىش كېرەك..

 

لىتۋا دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە شياۋمىنىڭ يان تېلېفونىنىڭ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى شىفىرلاپ سىنگاپوردىكى بىر مۇلازىمېتىرغا ئەۋەتىۋاتقانلىقى ، ھەمدە خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ P40 5G يانفونىنىڭمۇ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى بايقىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«جەنوبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»ئېيتىشىچە ، شياۋمى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

خۇاۋېينىڭ بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى ۋەكىلى BNS خەۋەر تورىغا: خۇاۋېينىڭ يانفۇنلىرىنىڭ ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقا يەرگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

شياۋمى شېركىتى لىتۋانىڭ ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇردى، سىز شىياۋمىنىڭ جاۋابىغا ئىشىنەمسىز؟

پە سېنتەبىر 23 , 2021
شياۋمى شېركىتى لىتۋانىڭ ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇردى، سىز شىياۋمىنىڭ جاۋابىغا ئىشىنەمسىز؟

You May Like