مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 20-ئاۋغۇست «خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى» ناملىق مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا قانات يايدۇرىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەردى.
دوكلاتتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، دېپلوماتىك تور قۇراللىرى، ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى ۋە مەدەنىيەت كېڭەيمىچىلىكى قاتارلىق كۆپخىل ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە دىنىي باستۇرۇشلارنى پەردازلاشقا، يوشۇرۇشقا تېرىشىۋاتقانلىقى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا خەلقىگە بېيجىڭنىڭ ئىرادىسىنى تېڭىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ مۇھىم دوكلاتتا خىتاينىڭ ئەرەبچە تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش، يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش، رايوندىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بېيجىڭنىڭ تەسىرىنى يېيىش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاناللىرى ئارقىلىق بۇ تەسىر كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش، كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى ئىشقا سېلىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، ئىران ۋە رۇسىيە ئاخبارات قاناللىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئەلچىخانا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان.
ئېنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە ھازىرلانغان بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈڭ: