ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا «ئائىلىمىز قەيدەر؟» پائالىيىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئائىلىمىز قەيەردە؟» پائالىيىتى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنگە قەدەم قويدى. پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئائىلىسىنى ئىزدەش يولىدا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. پائالىيەتكە يەنە ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم ياشلارمۇ قاتناشتى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- فېۋرال
(تەھرىرلىگۈچى: بىلمەسجان)

 

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئائىلىمىز قەيەردە؟» پائالىيىتى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنگە قەدەم قويدى. پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئائىلىسىنى ئىزدەش يولىدا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. پائالىيەتكە يەنە ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم ياشلارمۇ قاتناشتى.

 

ئىستانبۇلدىن باشلاپ ئەنقەرەگىچە داۋاملاشقان پائالىيەتكە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان مەدىنە نازىمى خانىم بىزگە ئەنقەرەدىكى پائالىيەت ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئۈچ كۈن مابەينىدە، ئەنقەرەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، مىللەت ۋەكىللىرى، ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە خەلق ئاممىسى  بىزنى  قوللاپ، مەدەت بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ‌ئەنقەرە شەھەر باشلىقى ھۆرمەتلىك مەنسۇر ياۋاس ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى ئەۋەتىپ بىزدىن ھال سورىدى. تۈركىيەدىكى چوڭ تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئىنسان ھەق ۋە ھۇقۇقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى باشلىقى ھۆرمەتلىك مۇستافا سىنان ئەپەندى، مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھۆرمەتلىك خەنەفى سىنان ئەپەندى بىزنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

 

‌ ئەنقەرەدىكى پائالىيەتنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدىمۇ پائالىيەتلەر باشلاندى. 4- فېۋرال بىر ياش ئۆزى يالغۇز قولىغا غايىپ بولغان ئائىلىسىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، سارى يەرگە جايلاشقان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق پائالىيتىنى باشلىدى. 5- فېۋرال ئىستانبۇل ئەييۇپ سۇلتان جامىسىنىڭ ئالدىدا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرلار يىغىلىپ نامايىش قىلدى.

 

‌ بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللانى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇللا بىزگە مۇنداق دېدى: «مەن ئەنقەرەدىكى پائالىيەتكە بارالمىدىم. يوقاپ كەتكەن ئائىلەمنىڭ تەقدىرى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەر مېنى بەكمۇ ئازابلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىمكانىيىتىم دائىرىسىدە  ئۆزۈم يالغۇز بولسىمۇ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىمنڭ رەسىمىنى تۇتۇپ تۇردۇم. مەقسىتىم يالغۇز بولساقمۇ خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش.»

 

‌ ئەييۇپ سۇلتان ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ھەققىدە دوكتۇر بورھان ئۇلۇغ يول مۇنداق دېدى: «سارى يەردە توپلىشىپ پائالىيەت  قىلىش چەكلەنگەنلىكتىن بىز ئادەملەر كۆپ بولغان ئەييۇپ سۇلتان جامەسى ئالدىدا پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. پائالىيەت تامامەن تەشكىلاتسىىز ئېلىپ بېرىلدى. خەلقىمىز ئېغىزغا ئالغۇسىز زۇلۇملار ئىچىدە ئىكەن، بىز نورمال ھاياتىمىزنى داۋام قىلالمايمىز. بىز چوقۇم بۇ خىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك!»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى توغرىسىدا ئاقسارايدىن بەرگەن باياناتى

شە فېۋرال 6 , 2021
مەن تۇنجى نۇتقۇمدا ئېيتقىنىمدەك، تۈنۈگۈننىڭ ئەمەس، بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى يېڭىلايمىز ۋە دۇنيا بىلەن قايتىدىن باغلىنىمىز.

You May Like