ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ئاۋغۇست
ئامېرىكا ئاتلانتىك كېڭىشى تەتقىقات مەركىزى تور بېكىتىدە، ئۇيغۇر قىزى نازىمە تۇرسۇن ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كۆلىمى، چېگرىلىق ساھەلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كىتاب، ماقالە-ئوبزور ئېلان قىلىپ، دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى – ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا ئالقىشلاشقا تېگىشلىك مۇھىم قەدەم بولۇپ، بۇ ساھەلەردە دۇنيا بويلاپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ سانى ئەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن.
رەيھان ئەسەت، جەۋھەر ئىلھام، ئەلنىگار، نايرۇلا، نازىمە تۇرسۇن، زۇمرەتئاي ئەركىن، ئاسىنا تاھىر ئىزگىل، ھاجىنۇر سېتىۋالدى،نۇزۇگۇم سېتىۋالدى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم سەھنىلەردە چاقنىشى – خەلقئارا سەھنىلەردە سۆزلىگۈچى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى – خەلقئارا سۈپەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى – يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە رەيھان ئەسەت ۋە سوپىيە رىچاردسون ئارگېنتىنا سوتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دەۋانىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە مۇھىم ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
نازىمەت تۇرسۇن ماقالىسدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىنىش ئېھتىمالى بولغان ئېقتسادى تەدبىرلەرنى تېزىپ چىققان.