يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى

ھەبىبۇللا ئىزچى

يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن« كۆك تاشلىق ئارخىپ »ناملىق كىتابىمدىن 

2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، خىتاي ھۈكۈمىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كەڭ- كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بۇ قىرغىنچىلقتا قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان خەلقنى،ئىشغالچى خىتاي ھۈكۈمىتى تىك ئۇچار، برونۋېك، تانكىلار بىلەن قورشاپ ھاۋادىن ۋە قورۇقلۇقتىن باستۇرۇپ 5000 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قىرغىن قىلدى، ئون مىڭدىن جىق كىشىنى تۇتقۇن قىلدى، ئۈچ يېزىنى خەرىتىدىن تامامەن ئۆچۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىم پايتەخت شەھەر يەكەننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىدى. 

ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا، شۇ يىلى ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن قەشقەر تەۋەسىدە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە بەزى ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن بىرى ئېلىشقۇ بازىرىدىكى جامال ھاجىم ئىسىملىك كىشى سودىلىق ئۈچۈن بازارغا ماڭغاندا، جامال ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى شۇ يەردىكى بىر خىتاي مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ بىر ئائىلىدىن ئىككى ئايال، بىر ئوغۇل ئۈچ ئادەم، ۋە قوساقتىكى ھامىلە بولۇپ جەمئىي بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بۇ ۋەقەدىن كېيىن شۇ يەردىكى جامائەت قېچىپ كەتمەكچى بولغان خىتاينى باغلاپ ساقچىلارنىڭ كېلىشىنى ساقلايدۇ.  يەكەن ناھىيەسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمى ئەخەت سايىت نەق مەيدانغا كېلىپ، خەلققە قازا قىلغانلارنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىلىۋىتىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خەلقنى تارقىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋەقە سادىر قىلغۇچى خىتاي بولسا ئاز مىقداردىكى تۆلەم بىلەن بۇ جاۋاپكارلىقتىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ.  يەكەن خەلقى بۇ ناھەقچىلىككە غەزەپلىنىپ تۇرغاندا،ئۆيمۇ – ئۆي روپاش ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى تەكشۈرۈۋاتقان خاڭدى يېزىلىق ھۈكۈمەت ۋە ئاتالمىش مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ ئادەملىرى خاڭدى يېزىسىدىكى بىر ئائىلىكنىڭ كېلىنىنى مەجبۇرىي سۆرەپ ماڭماقچى بولىدۇ. نەق مەيداندا كېلىنىنى سۆرەپ مېڭىشقا سەۋر قىلالمىغان بۇ ئائىلىنىڭ چوڭى تامغا يۆلەكلىك تۆمۈر  ئارىنى كېلىنىنىڭ قولىدىن سۆرەپ ماڭغان ساقچىنىڭ قارنىغا تىقىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئائىلىدىن بەش كىشىنى ئوققا تۇتۇپ نەق مەيداندا  قىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە بەش ياشلىق بىر بالىمۇ بولۇپ، بۇ ۋەقە پۈتۈن يەكەنگە تارقاپ خەلقنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان نەپرىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

‎يەكەن ئەسلىدىنلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسەۋۋۇپنىڭ مەركىزى ۋە يەكەن خەلقى بىر قەدەر دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، رامىزاندا ئاساسەن جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ تەراۋىھ ئوقۇيدىغان ۋە ئۆيلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي مەۋلۇت ئوقۇتۇدىغان بولۇپ، ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان ۋەقەمۇ نەق مۇشۇ جامائەتنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ مەۋلۇت ئوقۇشى ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى بىر يەردە قىلىشىدىن باشلانغان.  27-ئىيۇل كۈنى كەچ يەكەننىڭ تۈگمەن بېشى، تېرەك لەڭگەر، خاڭدى، دۆڭباغ، ئېلىشقۇ، قوشئىرىق، تاغارچى قاتارلىق يېزىلاردىن بىر قىسىم جامائەت بىر يەرگە كېلىپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدۇ. 

 بۇ كۈنى تىراۋىھ نامىزى ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقا مەھەللىدىن كەلگەن بىر قانچە ئەر – ئاياللار موتسىكىلىت بىلەن ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ چارلاپ ماڭغان ئادەملىرى ئۇلارنىڭ ئاياللىرى روپاش بولغانلىقى سەۋەبتىن يېزىلىق ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئوخشاش ۋەقەدىن بىرى شۇ كۈنى ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىفتارلىق يىغىلىدۇ ۋە  تەراۋىھ نامىزىنى بىرگە ئوقۇماقچى بولىدۇ، بۇ كۈنى يىغىلغان كىشىلەر ئىچىدە  40 نەچچە نەپەر ئايالمۇ بىر ئۆيگە يىغىلىپ، كېچىنى دۇئا –تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەۋلۇت ئوقۇماقچى بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە خىتاي ھۈكۈمىتى مەسچىتتىن باشقا يەردە توپلۇشۇپ ناماز ئوقۇشنى جىنايەت دەپ بېكىتكەن، قانۇنۇسىز ئىبادەت قىلغانلىق دەپ ئېلان قىلغان ۋە روپاش ئاياللارنى كۆرگەن يېرىدە يۈزۈنى ئېچىشقا زورلاۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە توپلۇنۇپ مەۋلۇت ئوقۇشىدىن خەۋەر تاپقان، ساقچى ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بۇ ئاياللار توپلىنىپ مەۋلۇت ئوقۇۋاتقان ئۆينى پۈتۈنلەي قورشاپ،ئۆيدىكىلەرنى باش ياغلىقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا ۋە ئۇزۇن كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا ھەركەت قىلىدۇ ۋە مەۋلۇتكە قاتناشقان ئاياللارنى تۇتۇپ ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىدۇ. 

بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلىسى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ياغلىقلىرىنى ئېلىۋېتىشكە ۋە ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى چىقىدۇ. بۇ سەۋەپ بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۈچلىرى ئارىسىدا دەسلەپتە بىر مەيدان سۈركىلىش كېلىپ چىقىدۇ. خەلق ئاستا –ئاستا توپلىنىپ،ئىستىخيىلىك ھالدا خىتاي كۈچلىرىنىڭ ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىدۇ.  

ئەسلىدىنلا بۇ يىغىلىشتىن ئالدىن خەۋىرى بار ۋە بۇ يىغىلىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىغا ئاسترتتىن نازارەتچىلىك قىلىپ، ئستىخيىلىك ھالدا خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسۈتۈشىنى ۋە باستۇرۇدىغان پۇرسەتنى ساقلاۋاتقان  خىتاي ھۈكۈمىتى ئاخىرىدا رەزىل مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،قانلىق قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نەق مەيداندا  قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلايدۇ

بۇ شۇ ۋاقىتتا ئېلىشقۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى گەيشاڭ ساقچىخانا خادىمى ئا ###نىڭ ئۆز بايانى .

بۇ بىر مەيدان قەتلىئام ۋە تۇتقۇندىن كېيىن، ئىمام نۇرمۇھەممەت مامۇتنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت ۋە شېھىتلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۇققانلىرىنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈشۈپ ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچىخانا ئالدىغا توپلۇنۇپ،نارازىلىق بىلدۈرۈدۇ. خەلق قانغا –قان! جانغا- جان ! ئادالەت دەپ شۇئارلار توۋلايدۇ. 

ئەمما ساقچىخانىدىكىلەر ئاياللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ جامائەتكە تەھدىت سالىدۇ. نەق مەيداندا ساقچىلار خەلىققە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ بىر نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشى، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ.   غەزەپلەنگەن جامائەت ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ  ساقچىخانىدىكى ئاياللارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. 

 نامايىشچى ئامما بۇنىڭ ئەمدى بېسىقمايدىغان بىر ۋەقەگە يول ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، نۇرمۇھەممەت مامۇتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەكەن-مارالبېشى يولىنى شېغىل- تاش، يول بويىدىكى تېرەكلەرنى كېسىپ ياغاچلار بىلەن ۋە  دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن توسۇۋېتىدۇ. خەلق يەكەندىن ئېلشقۇ بازىرىغا كېلىدىغان يوللاردىكى يول بويىدىكى تېرەكلەرنى كېسىپ يولنى توسۇۋەتكەچكە، ماشىنا، قاتناش- قۇراللىرى ياكى ئالدىغا، ياكى كەينىگە ماڭالماي ئوتتۇردا قاپسىلىپ قالىدۇ. 

 بۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەقە ئاللىبۇرۇن قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، خەلق قولىدا ساقچىخانىدىن تارتىۋالغان قوراللار ۋە پالتا-پىچاق، كالتەك-توقماق، گۈرجەكلەر بىلەن قوراللانغان ئىدى.  

 بۇ ۋاقىتتا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دەرھال بارلىق يېزىنىڭ يېزا باشلىقى ۋە پارتىيە كومىتىنىڭ سېكرىتارلىرىغا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاڭدى بازىرىنىڭ بازار باشلىقى غولام توختى ۋە سىياسى قانۇن سېكرىتارى ئابدۇغىنى تۇردى ماشىنا بىلەن دۆڭباغقا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دۆڭباغ يېزىسىنىڭ خىتاي سېكرىتارىمۇ ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارماقچى بولۇپ، يول بويىدىكى ئەھۋاللاردىن قورقۇپ يەكەن ناھىيەسىگە قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما يېزا باشلىقى غۇلام توختى قوزغىلاڭچى جامائەتكە ئۇچراپ قالىدۇ، غۇلام توختى ناھايىتى ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، قىزىل پاچاقلاردىن بولۇپ، ئۇ خاڭدى بازىرىغا بازار باشلىقى بولۇشتىن ئىلگىرى ئېلىشقۇ بازىرىدا مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، خەلقكە كۆپ زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت ئۇنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەمما غۇلام توختى ئۆزىنىڭ بازار باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كومپارتىيەدەك يۆلەنچۈكى بارلىقىنى ئېيتىپ خەلققە، سەنلەر بىر ئۇچۇم ئاشقۇن، تىرورچىلار چوقۇم قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىسىلەر دەپ تەھدىد سالىدۇ.   شۇ كۈنى كېچىسى قوزغىلاڭچى ئامما يەنە بىر ئاپتۇبۇستىكى ساياھەتچى خىتاينى گۆرۆگە ئېلىۋالىدۇ. سەھەرگە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىكى جامائەت بامدات نامىزىدا بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، ئىسىتىخىيىلىك ھالدا  قوزغىلاڭچىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كىتىدۇ.

بۇنداق بىر پۇرسەتنى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى، تانكا، برونېۋىك، تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن چىش – تىرنىقىغىچە تولۇق قوراللانغان ئارمىيە ھەم قوراللىق ساقچىلىرى ئارقىلىق كەڭ – كۆلەمدە قىرغىنچىلىقنى باشلايدۇ. بۇ قرغىنچىلقتا  ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ يەكەن خەلقىنى ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ،مەھەللىدىن چىقارماي قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. 

ئېلىشقۇدىكى قوزغىلاڭچى خەلق غۇلام توختى ، ئابدۇغېنى تۇردى قاتارلىق خىتاي غالچىلىرىنى ئۆزلىرىگە قالقان قىلىپ خىتتاي ھەربىي كۈچلىرى بىلەن تىركىشىدۇ ۋە قوللىرىغا ئۆيلىرىدىكى كەتمەن، گۆرجەك، ئارا، پالتا قاتارلىق دىھقانچىلىق قۇراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆزلىرىنى مۇداپئە قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما  ھاۋا ۋە قورۇقلۇقتىن قورشاۋغا ئېلىنغان، قانداق مۇداپىئەلىنىشنىمۇ بىلمەيدىغان خەلق ئۈستىدىن تىك ئۇچار، درون، قۇرۇقلۇقتىن مۇنتىزىم ئارمىيە ۋە ساقچى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇشقا دۈچ كېلىدۇ.  

 ئېلىشقۇ بازىرىدىلا شۇ كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1000 ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا،بۇ قەتلىئامدا خىتايغا بىر ئۆمۈر غالچىلىق قىلغان غۇلام توختى، يۇقىرى ئاۋازدا مەن خاڭدى بازىرىنىڭ بازار باشلىقى غۇلام توختى ئوق چىقارماڭلار، دەپ توۋلىغان بولسىمۇ  خىتاي ئەسكەرلىرى بۇ غالچىنىمۇ ئۆزى ئاسىلىق قىلغان خەلقى بىلەن بىرلىكتە قىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ مىيىتىنى يۇيۇپ تارىغان كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇنىڭغا تۆت پاي ئوق تەككەن. بۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن، غۇلام توختىنىڭ ئايالىنىڭ ئېغىزى ئارقىلقمۇ دەلىللىنىدۇ. 

 ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى بىر دۇكاندارنىڭ 2015- يىلى ئۈرۈمچىدە ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى يەكەن ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋەقەگە قاتناشقان ساقچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،  پۈتكۈل يېزا-مەھەللىلەر چۆلدەرەپ قالغان، جەسەتلەر نەچچە كۈنگىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن يازنىڭ ئىسسىقىدا قۇرتلاپ، سېسىپ غەلىتە پۇراقلار تارقىلىشقا باشلىغان.

بۇ ھەقتە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى نىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە،«8-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايون پارتىيە دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ ، 28-ئىيۇل يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن، جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دوكلاتتا، 28-ئىيۇل يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلۇق دېلوسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرگەن ، تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان ئېغىر زوراۋانلىق ھۇجۇمى. بۇ دېلو 37 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (35 خىتاي ۋە 2 ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، 13 ئادەم يارىلاندى ، 31 ماشىنا بۇزۇۋېتىلدى، 6 سى كۆيدۈرۈۋېتىلدى. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ، 59 لۈكچەك ئۆلتۈرۈلگەن ، 215 ئادەم قولغا ئېلىنغان ». تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى 2014-3-ئاۋغۇست 

شياڭگاڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» خەۋىرى؛ «بۇ ۋەقەدە 22 ھۇجۇمچى قازا قىلغان ، 41 كىشى قولغا ئېلىنغان ۋە 10 پۇقرا قازا قىلغان».

ئەمما فرانسىيەلىك بىر مۇخبىرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن نەق ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە،« بۇ ۋەقەدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 ئۇيغۇرنىڭ بىڭتۈەن ۋە خىتاي دۆلەت ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقى ، 5000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۈچ يېزىنىڭ خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى». 

مەركىزى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 2016 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى «يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، 1989 – يىلى 4 – ئىيۇندا بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» بىلەن 2014 – يىلى 28 – ئىيۇل يەكەندە ئېلىپ بېرىلغان «ئېلىشقۇ قەتلىئامى»نى تەپسىلىي سېلىشتۇرغانىدى. دوكلاتتا: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق مەنىنى بىلدۈرسە، ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن

ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىدا بىڭتۈەنمۇ قەتلىئامغا قاتناشقان بولۇپ،بىڭتۈەننىڭ تۇمشۇق شەھەردىكى بىرىنچى دېۋىزىيەسى قوراللىق قىسىملىرى يەكەنگە ئەۋەتىلىپ، ئۆلتۈرۈش، باستۇرۇشقا ۋە ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇنلارنى جازالاشقا قاتناشقان. 

 خىتاي «خەلق سوت مەھكىمىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، « 8-ئاۋغۇست، بىڭتۈەن بىرىنچى دىۋىزىيە ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى زوراۋان تېرورلۇققا چېتىشلىق دېلونى بىرىنچى قېتىملىق سوتتا ئوچۇق سوت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 25 كىشى تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەيىبلەنگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن».

خىتاي ھۈكۈمىتى ئىزنى يوقۇتۇش، چوڭنى كىچىكلىتىش، كىچىكىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان شاھىدلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەردە ئۆلتۈرگەن ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۈكۈم قىلغان. شۇنداقلا قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر يوللىغان ئابابەكرى رەھىمنى «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزورلاردا «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى روھى كېسەل دەپ ئېلان قىلغان.

يەكەن ناھىيەسى گەيشاڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى «ئا» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا دۆڭباغ يېزىسىدىكى بىر نەچچە خىتاي ئائىلىلىكنى بۇ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بولۇشىغا قارىماي ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىرىپ تاشلىغان ۋە بۇلارنى غۇلام توختى ، ئابدۇغېنى تۇردى قاتارلىق ئۆزلىرى ئېتىۋەتكەن مۇناپىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىسيانچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار دەپ تەشۋىق قىلغان.  

‎ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئالاھىدە تەدبىرلەر ئېلىنغان بولۇپ، يوللار پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان ، ماشىنىلار ۋە يولۇچىلار بىرمۇ بىر تەكشۈرۈلگەن. ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغقا ماڭىدىغان يوللار پۈتۈن قامال قىلىنىپ كىرىپ چىقىش چەكلەنگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى يەكەن ۋە ئەتراپتىكى نەھىيە، يېزىلارغىچە ئەسكەر، بىرونىۋىك، تانكا سەپ تارتىپ ھەربى ھالەت يۈرگۈزگەن. 

ۋەقە يۈز بىرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى خەلقنى تېنىچلاندۇرۇش، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشكە تەشۋىق قىلىپ، تەبلىغ قىلىشقا يەكەن ناھىيە ھەزرىتىپىر مەسجىدنىڭ ئىمامى ئابلەت قارىمنى ئېلىشقۇ يىزىسىغا ئېلىپ چىققان. يېزا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قامال قىلىنغان بولۇپ، تېخىغىچە بۇ يېزىغا كىرىپ چىقىش چەكلەنگەن، يوللار قامال قىلىنغان ئىدى. جامائەت ئالدىدا ئابلەت قارىم تەبلىغىنى باشلاپ تۇرىشىغا،  70 ياشلار چامىسىدىكى دەرت – ئەلىمىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان بىر بوۋاي يىغلىغان پېتى ئورنىدىن قوپۇپ ئابلەت قارىھاجىمنىڭ قولىغا ئېسلماقچى بولىدۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئابلەت قارىھاجىمنىڭ يىنىدا تۇرغان ئەسكەر نەق مەيداندا بوۋاينى ئېتىپ تاشلايدۇ. كۆز ئالدىدا بۇ پاجىئەدىن چۆچۈگەن ئابلەت قارىھاجىم ئالدى كەينىگە قارىماستىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىققانلارنىڭ توسۇشىغا قارىماي يەكەنگە قايتپ كېتىدۇ.

‎‎«ئېلىشقۇ قەتلىئامى» يۈز بىرىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ دامسى يېزىسىدا 18 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش، شۇ يەردە كان ئېچىۋاتقان خىتايلارنىڭ ياتاق رايۇنىغا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇ ياش خىتايلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ. بۇ جەرياندا خىتايلارنىڭ ھەممىسىنى تاۋۇز چاغىنى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك كۆڭۈل ئىچىشقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياتاقتا قىلىپ قالغان ئىككى خىتاي يارلىنىدۇ. بۇ ياش بۇ يەردىن چىقىپ دامسى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىخانىغا ھوجۇم قىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. ئەمما ئەتىسى دامسى يېزىسىغا كان كولاش ئۈچۈن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق خىتايلار كۈدە-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ تىكىۋىتىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like