ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى خەۋىرى
ئالماتادا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى.
جەمئىيەت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا تۆۋەندىكى كىشىلەر سايلاندى – مەركەز پرېزىدېنتى ئەزىز ئەيسا ئەلكۇن، باش كاتىپ ئەلىشېر خەلىلوۋ، ھاكىمجان گۈلىيېۋ، ھامىت قەمرايېۋ، ۋىليام مولوتوۋ، ئېھسان ئىسمايىل ۋە مەريەم سۇلتان.
ئاخىرىدا شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋنىڭ تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ، كۆپ سانلىق ئەزالارنىڭ ئاۋازى بىلەن قەيسەر ئۆزقۇنغا “پەخرىي پرېزىدېنت” ئاتىغى بېرىلدى. يىغىن ئاخىرىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىدا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئەزىز ئەيسا ئەلكۇن خۇلاسە سۆزى قىلىپ، نۆۋەتتە مەزكۇر مەركەزنىڭ ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەم ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىق ھوقۇقى، ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ يېزىش ھوقۇقىنى قوغداش نۆۋەتتە ئىشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇندىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەتتىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىشتا دوستلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا نىشانلانغان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە بۇ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلانغان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ بۈگۈن ۋە كەلەچەك بەخت-سائادىتى يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدەملىرىنىڭ خەيرلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.
https://uyguravazi.kazgazeta.kz/news/52881