ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-مارت
پىرەزدىنت بۇيرۇقى؛
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك رادىيوسى ۋە باشقا فېدېرال رادىيو تارقاتقۇچىلارنى باشقۇرىدىغان ئامېرىكا خەلقئارا تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) قاتارلىق يەتتە فېدېرال ئاگېنتلىقنى قىسقارتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىجرائىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدى.
تەسرگە ئۇچرىغان ئورگانلار:
ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى، ئەركىن ياۋروپا/ئەركىنلىك رادىيوسى، ئوتتۇرا شەرق تارقىتىش ئىدارسى، كۇبا تارقىتىش ئشخانىسى، ئاشكارا تېخنىكا فوندى قاتارلىقلار بار؛
بۇيرۇقتا «بۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن 7 كۈن ئىچىدە، [بۇيرۇقتا] كۆرسىتىلگەن ھەر بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى، ئادەم باشقۇرۇش ۋە مالىيە ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورىغا بۇ بۇيرۇققا تولۇق ئەمەل قىلغانلىقىنى تەستىقلايدىغان ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ قايسى تەركىبىي بۆلەكلىرى ياكى ۋەزىپىلىرى، ئەگەر بولسا، قانۇنىي تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان دوكلات تاپشۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن.
30 كۈنلۈك مالىيە توخىتىتىش:
ئىجرائىي بۇيرۇق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، تاراتقۇلار USAGM دىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تارقاتتى. خەتتە كونگرېس تەستىقلىغان مەزكۇر ئاخبارات ۋاستلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ياردەم پۇلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئىلىنغان. خەت USAGM نىڭ ۋاقىتلىق باش ئىجرائىيە دىرېكتورى كارى لېيك تەرىپىدىن ئىمزالانغان.
AGM تارماقلىرىغا 30 كۈنلۈك مەبلەغ توڭلىتىشنى يولغا قويدى.
پولتىكانڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ چەكلەش بەلكىم مەزكۇر ئورگانلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان دائىمىي ياردەملەرنى توختىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەمىنلىنىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئىشلىتىلمىگەن پۇللارنى تېزدىن قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ خەتتە يەنە كەلگۈسى 30 كۈن ئىچىدە بۇ توغرىلىق ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئەركىن ئاسيا رادىئوسى:
ئەركىن ئاسيا رادىئوسى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دىكتاتۇر دۆلەتلەردىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى خەلقلەرگە دىموكراتىيە، كىشلىك ھوقۇق ساھەسدە مۇھىم ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، ختاي، ۋىتنام، شمالى كورىيە، لائوس، بىرما، ئۇيغۇر، تېبەت قاتارلىق تىللاردا ئاڭلىتىش بىرىپ كەلگەن. ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى-ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ ، ئامېرىكا ھۆكۇمىتى ۋە چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇھىم خام ماتېرىيال ۋە ئسپاتلارنى تەمىنلىگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پايدىلىنىدىغان مۇھىم مەنبە بولۇپ قالغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ۋە قاچان توختايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پەقەتلا فېدېراتسىيە مەبلىغىگە تايىنىدىغان ئاخبارات ئورگىنىدۇر.پىروپابلىكانىڭ مالىيە دوكلاتىدا ئەركىن ئاسيا رادىئوسنىڭ 2023-يىللىق مالىيە كىرىمى 64 مىلىيون 600 مىڭ دوللار ، مالىيە چېقىمى 65 مىلىيون دوللار دەپ ھېساپلانغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ 15-مارت كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بېرىلىۋاتقان فېدېراتسىيە مەبلىغىنىڭ توختىتىلىشى، ئەمەلىيەتتە دىكتاتورلارغا ۋە مۇستەبىتلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. بۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىنىڭ تاراتقۇ بوشلۇقىدا چەكلىمىسىز تارقىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى بۇ ئۇقتۇرۇش ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاۋاتقان 60 مىليونغا يېقىن ئاڭلىغۇچىنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىلىرىگە پايدا يەتكۈزىدۇ.»