ئۇيغۇر تايمىز-ئۇيغۇرچە بۆلۈمى
2024-يىلى، 12-دېكابىر
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەييارلىدى.
يىللاردىن بىرى، ختاينڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنز بۈگۈن يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئىلان قىلغان. دوكتۇر ئادرىيان زىنزنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ھازىرغىچە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئشلىگەن ئەڭ ئۇزۇن دوكلات بولۇپ، 135 بەت، 720 ئىزاھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دوكلاتتا ئاساسلىقى نىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
*زور ساندا تۇتقۇن قىلىشتىن باشقا، بېجىڭ يەنە يېزا ئىگىلىكنى مسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە مەجبۇرى ئۇسۇلدا،سانائەتلەشتۈرمەكتە.
*ختاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بەك زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇلارنى ناھايتى ئاسانلا تولۇق كونتىرۇل قىلىدۇ، نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ ۋە سۈمۈرۈپ تاشلايدۇ (ئاسسلماتسيە قىلىدۇ.)
* ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى چوڭ شركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە، ئاندىن شۇ شركەتلەرگە مەدىكارچى بولۇپ ئشلەشكە مەجبۇرلىغان.
*2001-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ، ئۇيغۇر رايونىدا يەر ئۆتكۈزۈپ بىرىش نسبتتى 50 ھەسسە ئاشقان بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر يەرسز قالدۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت مەجبۇرلىشى ئاستىدا مەدىكارچى بولۇشقا زورلانغان.
*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى پەمىدۇر قىيامىنىڭ 15%نى ئشلەپچىقىرىدۇ.
*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى قېزىلمۇچنىڭ 10%نى ئشلەپچىقىرىدۇ.
*ئۇيغۇر رايونى-پۈتۈن دۇنيادىكى قېزىلمۇچ ماينىڭ ئۈچتىن ئىككى قسمنى ئشلەپچىقىرىدۇ.
*پەمىدۇر، قېزىلمۇچ, سەبدەگۈل ۋە ستىۋىيا قاتارلىقلارنى تېرىش، پششقلاپ ئشلەش جەريانىدا يەرلىرى تارتىۋىلىغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرى ئشلىتىلگەن.
*ئۇيغۇر رايونى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تەبئى تىتېقۇ(stevia)نى كۆپ ئشلەپچىقىرىدۇ.
قايسى شركەتلەر چېتىلىدۇ؟
*دۇنيا بويلاپ 90 دىن ئارتۇق شركەت-ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئشلەتكەن مەزكۇر مەھسۇلاتلارنى بازارلاشتۇرۇشقا چېتىلىدۇ.
بۇلار: Kraft Heinz, Nestlé, Del Monte, PepsiCo, McCormick, Unilever, and L’Oreal.