ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋر سودا ۋە ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى بولغان رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ 2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى چېقىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتا.
ئارقا كۆرۈنۈشى:
رابىيە قادىر قۇرغان ئەقىدە سودا -سانائەت چەكلىك شركىتىگە مەزكۇر رايوندىكى رابىيە قادىر سودا ساريى، ئەقىدە سودا مەركىزى، ئېتتپاق تىياتىرى قاتارلىق ئۈچ بىنا ۋە ئەينى چاغدىكى روسيە، قازاقستاندىكى ئۆي-مۈلۈك ۋە بازار ئورۇنلىرى تەۋە بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاۋات سودا مەركىزىگە جايلاشقان. مەزكۇر بىنالار ئاۋات سودا سارايلىرى، تىل تەربىيلەش مەركىزى، مىڭ ئانا ساخاۋەتچىلەر ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تىجارەت ئارقىلىق تەرەققى قىلىش ئىرادسى ۋە ئېقتىدارىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان.
ئەينى چاغدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۇر سودا سارايلارنى ياش تېجارەتچى -كارخانىچىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشگە ئىلھام ۋە سەھنە ھازىرلىغان دەپ مەدھىيلىگەن.
1999-يىلى رابىيە قادىر ئامېرىكىغا ئاخبارات يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىپلىنىپ 8 يىللىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغاندا ۋە 2005-يىلى رابىيە قادىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىششى بىلەن ئامېرىكىغا ئىلىپ كىلىنگەندىن كىينمۇ مەزكۇر سودا سارايلار داۋاملىق تېجارەت ئىلىپ بارغان.
ئەمما 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ختايغا قارشى نامايىشلىرى ۋە ختاينىڭ ئۇنى قانلىق باستۇرۇشىدىن كىين، ختاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى «ئۈرۈمچىدىكى نامايشىلارنى پىلانلىغان »دەپ ئەيىپلەپ، مەزكۇر سودا مەركەزلىرىنى «چاقىمىز» دەپ ئىلان قىلىپ، تىجارەت قىلىشنى توختاتقان. ئەمما خەلقئارا بېسم نەتىجىسدە چاقمىغان.
ئۆتكەن 15 يىلدا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى داۋاملاشتى. ختاينىڭ نىمە ئۈچۈن ھازىر، قانداق ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا مەزكۇر بىنالارنى چېقىش قارارى ئالغانلىقى نامەلۇم.
مۇستەقىل باھالىغۇچىلار رابىيە قادىرنىڭ 2000-يىللاردىكى ساپ مۈلكى 250 مىلىيون ئەتراپىدا دەپ باھالىغان بولۇپ، بۈگۈن 3-2 % لىك ئۆسۈم بىلەن ھېسابلىغاندا، 460 مىلىيون دوللارغا تەڭ بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر خەۋەرنى مۇستەقىل دەلىللەشكە ئامالسز قالدى.