ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 10-نويابىر
ئەركىن تەييارلىدى
ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن مالايسىيا باش منېستىرى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشكەن.
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئىككى تەرەپ ئېقتساد، مەدەنىيەت، سياسى جەھەتلەردە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ختاي دۆلەت رئىسى شى مۇنداق دىگەن: «ختاي مالايسىيا بىلەن ئالىي مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ختاي-مالايسىيا دوستلۇقى، خەلق رىشتىسىنى چىڭىتىشنى خالايدۇ. مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشنى يادرو قىلغان ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ختاي مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولغان ختاي بىلەن مالايسىيا خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، قورۇقچىلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.
ئەنۋەر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ كەڭ قۇرساق بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى ھەم «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى+» ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يىراقنى كۆرەر پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى، بەخت-سائادىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئەقىل-پاراسىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مالايسىيا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەر تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى تەرىپلەيدۇ، قوللايدۇ. مالايسىيا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ.»
ئالدىنقى ئايدا،ئەنۋەر ئىبراھىم مەھدى ھەسەن پىروگراممىسىدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغانىدى.