قسقا خەۋەر :خاماس رەھبىرى يەھيا سنۋار ئۆلتۈرۈلدى

17-ئۆكتەبىر

تاراتقۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارميسدىن خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ گازادىكى باش لىدىرى يەھيا سىنۋارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

ياھيا سىنۋار – 1962-يىلى غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھاماسنىڭ قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە كىين سىياسى ۋە ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. ئۇ 1980-يىللاردا يەھۇدىي ھەربىي قوشۇنلىرىغا قارشى بىرنەچچە ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت ھېسابلايدىغان شەخسلەر قاتارىغا كىرگەن. ئ‍سرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ قارالغان غەززەلىكلەرنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ تاشلىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. 1988-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما 2011-يىلى غىلاد شالىت ئىسرائىلىيەلىك ئاسكەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى نەتىجىسىدە 23 يىلدىن كىين تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغان. ئۇ تۈرمىدە ئىبراي تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن.ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھەربى، سياسى قۇرۇلمىسى ھەققىدە كىتاپلارنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئ‍نىسى مۇھەممەد سىنۋار بىلەن بىرلىكتە خاماسنىڭ يادرولۇق رەھبىرىگە ئايلانغان. ياھيا سىنۋار، ھەماسنىڭ ئىچكى قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، غەززە رايونىدا چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان.ئۇ 2024-يىلى 7-ئ‍ۆكتەبىردىكى 1200 ئ‍سرائىلكنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەل ئاقسا تۇفانى ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئ‍سرائىلىيەنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۇشمىنى دەپ ئىلان قىلىنغان.

ئۇ 2024-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئ‍سرائىلىيە ئارمىيسنىڭ ھەربى ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇ ئىسرائىليە يېقىندا ئۆلتۈرگەن ئىسمايىل ھانيادىن كىين تەسرى ئەڭ زور شەخس ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پارتلاتقۇچ: ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتتىكى پارتىيسى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى

شە ئۆكتەبىر 19 , 2024
مەنبەسى: ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى گېزىتى تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تۇرسۇنجان ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لايبور پارتىيەسى داۋىد لاممىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى ختايغا بارىدىغان سەپىرى ئالدىدا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى رەسمىي «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشنى تەلەپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدۇ، […]
لاممى ۋە ۋاڭيى

You May Like