تەرجىمە: دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ختاينىڭ مۇسۇلمان ئازسانلىقلارغا قىلغان زۇلۇمى توغرىسىدا بېسىم قىلماقتا


نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدىن تەرجىمە:

ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلارغا قىلغان زۇلمىغا دىققەت قىلماقتا، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشقا ئۈندەشتە ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانماقتا
.
جۇلىيەن ئې. بارنېس ۋە كارون دېمىرجىيان

دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدېن ھۆكۈمىتىدىن ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلىرىغا قىلغان زۇلمىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىمنى كۈچەيتمەكتە، ئەمما ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانماقتا.

بۇ ھەپتە، نيۇ-يورك ئىشتاتىدىن كەلگەن دېموكراتچىلار ۋەكىلى رىتچى تورېس دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى ئاۋرىل د. ھاينېسقا كەسكىن سۆزلەر بىلەن خەت يوللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرمىغانلىقى توغىرسدا تەنقىدلىدى.
چارشەنبە كۈنى، مەجلىستە جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشقا چېتىشلىق ختاي ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى چەكلەشكە مەجبۇرلايدىغان بىر قارارنى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، ختايغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جازا يۈرگۈزگەن.

«ئەمما بۇ رەسمىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئىستىخبارات ساھەسىدىن ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات كەلمىدى» دەيدۇ تورېس. «شۇڭا مەن فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇپمۇ ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ قورقۇنچلۇق جىمجىتلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمەن.»

ئۆتكەن يىلى مەجلىس دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورىنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئاممىۋى دوكلات تەييارلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قارارنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ دوكلات ئىيۇندا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتتە، پارلامېنتنىڭ ختاي ھەققىدىكى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تورېس ئۆزىنىڭ ختايغا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئازسانلىقلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىغان مەسلىنى تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنى تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ھاينېسنىڭ باياناتچىسى تورېسنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەجلس ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن كۆپلىگەن مەخپىي ۋە ئاشكارا دوكلاتلارنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بۇ ئورگانلار كۆپىنچە بۇلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشتا قىينالغان.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭنى تەنقىدلەشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما تورېسنىڭ قارىشىچە، دوكلات گىئو-پولىتىكىلىق قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ دوكلاتنى خەلقئارا سياسى جەھەتتىن قولايلىق بولغانلىقى ياكى ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە سەزگۈرلۈكىگە دەخلى قىلغانلىقى ياكى رەنجىتىشى مۇمكىنلىكى ئۈچۈن يوشۇرۇپ قويالمايمىز».

ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا بىردەك ئېرىشكەن مەسىلە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئىككى پارتىيە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەن شىركەتلەردىن مەبلەغ ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە قانۇننى ئورتاق ماقۇللىدى. ئامېرىكا سايلىمى يېقىنلاشقانسېرى، پارلامېنتتا ختاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى پارتىيەۋى سىياسەتكە سۆرەپ كىرىلدى. پارلامېنتتا ئىككى پارتىيە ئورتاق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان كۆڭۈل بۆلسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ختايغا قانداق قاتتىق قوللۇق قىلىش مەسىلىسىدە ئۇزۇن مۇددەت جېدەللىشىپ كەلگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبەرلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭغا قارىتا ئۈنۈمسىز سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىسە، دېموكراتلار جۇمھۇرىيەتچىلەرنى «كۆيدۈرۈش-چاقماق» سىياسىتى ئارقىلىق دىپلوماتىيەنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

سايلام مەزگىلى يېقىنلاشقانسېرى، سىياسىي توقۇنۇش كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ئايدا، مەجلستىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر دېموكراتچىلارنىڭ قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن ھالدا ختايغا ئائىت بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىگە ئاۋاز بەردى. بۇ مەجلسنى كونتىرۇل قىلىشنى تالىشىلىدىغان نويابىر سايلىمىدىن بۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە كۈچلۈكلۈكنى نامايان قىلىش ئۇسۇلى ئىدى. چارشەنبە كۈنى ماقۇللانغان «ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى توسۇش قانۇنى» ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسىنى چەكلەيدىغان، تەيۋەنگە تەھدىت سالىدىغان ياكى ختايدىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ھەرقانداق ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزىدۇ. بۇ جازا ختاي ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا سەپەر قىلىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىش، ئىستىخبارات توپلاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى پىرېزىدېنتنىڭ چەكلىك ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

مەجلىس چارشەنبە كۈنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى 243 ئاۋازغا قارشى 174 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. 33 دېموكرات ۋە ئىككى كىشىدىن باشقا بارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇ تەدبىرنى قوللىدى. گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسى خېلى كۆپ دېموكراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، پارلامېنتتىكى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ بەك كەڭ دائىرىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ختاي رەھبەرلىكىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«بۇ قانۇن لايىھەسى بېيجىڭ بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيەنى بۇزىدۇ» دېدى نيۇ-يورك ئىشتاتىدىن كەلگەن، تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېموكرات گرېگورى ۋ. مىكس چارشەنبە كۈنى. ئۇ يەنە: «بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭلۇقلارغا ۋە تەيۋەن خەلقىگە ھېچقانداق ياردەم قىلالمايدۇ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ختاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرىدۇ» دېدى. تورېس ئۆزىنىڭمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، چۈنكى بۇ ختاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويىدۇ، بۇنى ئۇ ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ دەپ سۈپەتلىدى. «دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك پاكىتلارنىڭ بىرى ئامېرىكا بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ يوقلۇقىدۇر» دېدى ئۇ. «ئالاقە بولمىغاندا، بىر قېتىملىق ۋەقە ياكى بىر قېتىملىق خاتا مۆلچەرلەش ھالقىلىق ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

ئاق ساراي بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئوخشاش رەۋىشتە تەنقىد قىلىپ، بىر باياناتتا «بۇ قانۇن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى بارلىق ئالاقە كاناللىرىنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇ سۈپەتلەشكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ختاي رەھبەرلىرى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە قىلىشنى ئېنىق چەكلىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «قانۇن لايىھەسىدە ئۇلار بىلەن سۆزلىشەلمەيمىز دېگەن گەپ يوق» دېدى مىچىگان ئىشتاتىدىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچى ۋە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇئەللىپى لىسا ماككلېين سۆز قىلىش سۇپىسىدا. «قانۇن لايىھەسىدە بۇ دىپلوماتىيەنى قىلالمايمىز دېگەن گەپ يوق.»

ماككلېين يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن قىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. «مەن سۆزلەرنىڭ ئۈنۈم بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما ئۇلار ئۈنۈم بەرمىدى، ئۈنۈم بېرىپ باقمىدى» دېدى ئۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

رابىيە قادىر: ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسلىسنى تىلغا ئالغانلىقىغا رەھمەت، تېخىمۇ كەسكىن سۆزلىشنى ئۈمىد قىلىمىز !

جۈ سېنتەبىر 27 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-سىنتەبىر رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئ‍ۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىگە دىپلوماتىيە يوسۇنى بويىچە جاۋاپ قايتۇردى؛ تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 77 ‏- نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. شۇنداق، گەرچە ئەردوغان سۆزىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىمىزدىن بىرى بولغان 3 […]
رابىيە قادىر-ئەردوغان

You May Like