سانلىق مەلۇمات: ئامېرىكىدا ھەر 500 ئادەم ئىچىدە بىر ئادەم ئۆي-ماكانسز.
ئامېرىكا تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئامېرىكىدا ئۆي-ماكانسىز قالغانلار 650 مىڭدىن ئېشىپ، 2022-يىلىدىكىدىن %12 كۆپەيگەن. بۇ ئورگان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ 2007-يىلى ئامېرىكا قوشماشىتات ھۆكۈمىتى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۆي-ماكانسىز قالغانلار سانى جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە، شۇنداقلا ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بىر يىل. ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان نامراتلىق نىسبىتى %11.5 بولۇپ، 37 مىليون 900 مىڭ ئادەم نامرات ھالەتتە تۇرغان.