تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
بىز ئەركىن ياشاۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، نەچچە مىليون ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىز-تارىخى كىنولاردىكى ئافرىقىدىن كۆچۈرۈلۈپ قۇل قىلىنغان قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئېغىر جىسمانى، روھى بېسىم ۋە خورلۇق ئىچىدە قۇل قىلىنماقتا.
ئۇلار -سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىدۇ، بالىلىرىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، ئېنە-سڭللىرىدىن، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىز باسماس چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىغا يېڭىدىن بىنا قىلىنغان قۇل شەھەرلەرگە مەڭگۈلۈك پالانغان.
ئۇلار ئەزەلدىن ناتونۇش شەھەر، يات بىر خەلق ئارسغا تاشلىنىدۇ، قاتتىق ئەمگەك، ئۈسكۈنە، مەھسۇلات سانى دېگەندىن باشقىنى بىلمەيدىغان رەھىمسىز ئەمگەك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
ئۇلار سەھەردە 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، رەتلىك تىزىلىپ، ھاجەتخانىغا بارىدۇ، ھەر بىر نۇقتىدا ساقچىلار ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىدىن باشقا، ئۈچ ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. تاماقتىن بۇرۇن ، ھەممىسى ئوخشاش قاچا كۆتۈرۈپ، ئاشخانا ئالدىغا رەتلىك تېزىلىپ ختايچە قېزىل ناخشا توۋلايدۇ: « سوتسىيالىزم ياخشى»، «ياشىسۇن شى جىن پىڭ» «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى».
ئارقىدىن مەيدانغا ئش فورمىسىنى كېيىپ، مەيدانغا قاتار تىزىلىپ، ئوخشاش رىتىم بىلەن ختايچە «بىر- ئىككى- بىر» دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ.ئەتراپتا ختاي ھەربى مۇھاپىزەتچىلەر نازارەت قىلىدۇ.
ئارقىدىن ھەر قايسىسى ئۆزلىرى تەقسم قىلىنغان سىخ ئورنىغا بارىدۇ، ئۆزىنىڭ ئشچىلىق نۇمۇرى بىلەن سان مەلۇم قىلىدۇ.
ھەر بىرەيلەننىڭ ئش ۋەزىپىسى ئېىنىق. يۇقىرى سان ۋە سۈپەت تەلىپى بولغان يىللىق ۋە ئايلىق ۋەزىپىنى ئورۇنداش ۋە قاتتىق ئىنتىزامغا بويسۇنۇش -ئۇلارنىڭ يەنە داۋاملىق ياشىشى، ھايات قىلىشى، دۇنيانىڭ بىر يېرىدە ھايات ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن بىردىنبىر شەرت.ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ – ئۆزى ئشلەۋاتقان ماشىنا ياكى قولىدىن چىقىۋاتقان بىر مەھسۇلاتچىلىك قىممىتى ۋە ئېتىبارى يوق.
ئش ئورنىدا سۆزلەش يوق، مۇڭدىشىش يوق، ئويۇن-تاماشا يوق، كۈلۈش يوق، يىغلاش يوق، مېڭىپ يۈرۈش يوق، قاقشاش ۋايساش يوق. خىلاپلىق قىلىنسا، دىققەت چېچىلىپ، ئش بۇزۇلسا، ماشىنا ياخشى باشقۇرۇلمىسا، ئش ئورنىنى سۈرەتكە تارتسا، ختاي باشلىققا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسا، ياكى ھومىيىپ قارىسا، تۆۋىنى يالغۇز ئۆيگە سولىنىپ، تاماقتىن مەھرۇم قىلىنىپ سياسىي ئۆگىنىش قىلىدۇ، يۇقىرىسى جىنايى جازانى نەق مەيداندا ئىجرا قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش -زاۋۇت ھەربيلىرى ۋە ساقچىلىرىغا بىرىلگەن ھوقۇق.
بەل ئاغرىيدۇ، باش ئاغرىيدۇ، كۆز تالىدۇ، بەدەن ھالسرايدۇ، ئارام ئىلىش يوق، 14 سائەتلىك ئىغىر ئەمگەك، مىدىر-سىدىر قىلشىقا بولمايدىغان تەقىپتىن كىين، كوللىكتىپ ھالدا، كەچلىك تاماق، ئارقىدىن 2 سائەتلىك تېلىۋزىيە تەشۋىقاتى: «سلەر تىرورىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغان، سلەرنى بىز ئەمگەك بىلەن قۇتۇلدۇرۋاتىمىز، سلەر جۇڭخۇۋا مىللىتى، پەقەت ئەمگەكلا سلەرنى قۇتقۇزىدۇ.».«پەقەت باشقۇرۇشقا بويسۇنغان، كومپارتىيەنى ھېمايە قىلغان،ياخشى ئشلەپ، يۇقىرى سۈپەت ۋە ساندا مەھسۇلات ئشلەپچىقارغانلارلا ھايات قالىدۇ.»
ئۆيدىكىلىرىنى سېغىنىدۇ، دادىسى ھاياتمىدۇ، ئاپىسى قانداقراق تۇرغاندۇ؟ قىزى نەلەردە تەمتىرەپ يۈرگەندۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بىر قېتىم ئاڭلىۋالسامچۇ؟دەپ ئارزۇلايدۇ. ئەمما تىلفون قىلالمايدۇ.
ئۇلارنىڭ روھى چارچايدۇ، يىغلايدۇ، تىل ئاڭلايدۇ، كاللىسى يۇيۇلىدۇ، بەزىدە تاياق يەيدۇ، كۈنلىرى قورقۇنچ ۋە زەربە ئاستىدا ئۆتىدۇ. دۇنيادىن ، ھاياتتىن، ھەممىدىن ئۇمۇتسزلىنىدۇ، كىچىلىرى تاياق ئۇرۇلۇۋاتقان، نالە بىلەن يىغلاۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.ھەر بىر قۇل ئشچى تاكى ئۆزى سۆرەپ چىقىلىپ ئۇرۇلمىغۇچە، ئەدەبلەنمىگۈچە، ئۇ يېغا ۋە زەربىلەرنىڭ دەھشىتنى پەقەت سۈر-ھەيۋە بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ قورقىدۇ. بەزىدە كېچىسى ختاي خوجايىن تاللىغان ئايال قۇل ئشچىلار مەجبۇرى سۆرەپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوشال قىلىشقا زورلىنىدۇ. بۇنداق خورلانغۇچە ئۆلگۈسى ، ئۆلۈۋالغۇسى كېلىدۇ. بەزىلىرى ئۆلۈۋالىدۇ. كىيىن-كىيىن ئۆلۈۋېلىش پۇرستىمۇ بېرىلمەيدىغان نازارەت ئاستىغا قامىلىدۇ.
ئۇلار بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ ئارلىقى ناھايتى يىراق، ئۇلار ھاياتىنى، تاشقى دۇنيانى بارغانسېرى خىرەلىشىۋاتقان ئەمما ھېلىھەم ئەس-يادىدا قالغان- ئىلگىرى ئۆزلىرى ياشىغان شۇ ھاياتنى، ئۆز قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆيلىرى، ياشىغان شەھەر -مەھەللە-كوچىلار، تونۇش كىشلەر ۋە ئشۇلارنىڭ ھېكايىلىرى، كىيگەن كىيىملەر ۋە يەپ باققان تائاملار، ئوقۇغان كىتابلىرى، ئاڭلىغان مۇزىكىلار، ساياھەت قىلغان شەھەرلەر بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن-ئېگىز تاملار، زاۋۇت سېخلىرى، قاتار-قاتار تېزىلغان نۇرسز، قورقۇپ كەتكەن چىرايلار، ۋەھىمىلىك يېغا ئاۋازلىرىدىن ئىبارەت.
بىر قېتىم ئوخشىغان لەغمەن يەپ ئۆلۈپ كەتسەمچۇ؟!. دۆڭكۆۋرۈكتىن شۇ ئاتۇش لەغمىنىنى قايتا يىگىلى نېسىپ بولامدۇ ؟دەيدۇ جىجىياڭدىكى بىر ختاي زاۋۇتىدا قۇل قىلىنىۋاتقان 43 ياشلىق ئاقسۇلۇق غالىپ.
قىزىم باشلانغۇچ مەكتەپتە قالغانىدى، ھازىر تولۇقسزغا ئۆرلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىنى سىغىنامدىغاندۇ؟ چوقۇم سېغىنىدۇ، يىغلايدۇ. دەيدۇ گۇۋاڭدۇڭدىكى بىر زاۋۇتقا قامالغان 36 ياشلىق خوتەنلىك ئۇيغۇر قىزى گۈلجامال.
ئايالىم، ئىككى كىچىك بالام بىلەن 4 يىل بولدى ئالاقەم يوق. ئۇلار نەدە، ئۇلار ھاياتمۇ؟ شۇلارنى دەپ ياشايمەن، بۇ يەردىن ھامان قۇتۇلىمەن دەيدۇ، تەكلىماكانغا يېڭى سېلىنغان قۇل شەھىرىگە قامالغان غۇلجىلىق خالمۇرات.
ئانام، دادامغۇ لاگېردا ئۆلدى، ئاچام بىلەن ھەدەمنى 15 يىللاپ تۈرمىگە كېسىپتۇ. تۈركىيىدە بىر تۇغقىنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرى بار ئىدى. مەن ئۇلار ئۇچۇن بولسىمۇ تىك تۇرىمەن! دەيدۇ قۇل شەھىرىگە قامالغان ئۈرۈمچىلىك ئارزۇگۈل.
مىنىڭ ھالىم قالمىدى، چارچىدىم، ھېچنىمىدىن ئۈمىدىم قالمىدى، بۇلار ئادەم ئەمەسكەن، بۇلار مىنىڭ جسمىمنى نابۇت قىلدى، غورۇرۇمنى يەرگە ئۇردى، ھەممە نىمەمدىن ئايرىدى.بۇنداق قورقۇپ، ۋەھىمە ئىچىدە ياشىغۇچە، ئۆلگىنىم ئەۋزەل. مەن بىر ئامالنى قىلىپ ئۆلۈۋالىمەن، ھىلىقى دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچىنىڭ قورالىغا ئىسلساملا مىنى ئاتىدۇ، ئاشۇ ئەڭ راھەت ئۆلۈم !-دەيتتى قەشقەرلىك مەمەتجان.
بۇلار دۇنيا ئۇنتۇغان، قېرىنداشلىرى ساداسى يۈرگەن 21-ئەسىرنىڭ قۇللىرى، ئۇلار-ئنسان قىلىپدىن چىققان ختاي ھاكىمىيىتى ۋە رەھمىسز ختاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇل قىلىنىۋاتقان بىگۇناھ ئنسانلاردۇر.
ئۇلار -21-ئەسىردە ئەڭ زور كۆلەمدە، زامانىۋى شەكىلدە، ماددى مەنپەئەت ۋە سياسىي كۆرەشلەرنىڭ، ئنسان روھىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىدىيىلەرنىڭ قۇربانى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قۇللاردۇر.