ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)

ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)

 ئەڭ يېقىنقى تۈركىيە خەۋەرلىرى (3-سېنتەبىر)

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-سېنتەبىر

قىستۇرما ئېلان:
(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيدۇ!
ئۇيغۇرچە خەۋەر ئوقۇسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىڭىز كۈچىيىدۇ، ئۇيغۇر تىلىڭىز ساقلىنىدۇ!)

1. رويتىرس: تۈركىيەدە يەنە مال باھاسى ئۆرلىدى. ئۆيلەرنىڭ توك باھاسى 20 %ئۆسىدۇ.پۇل پاخاللىقى 80 % گە چىقتى.

2. بىلومبىرگ : ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى سەركان تارانئوغلۇنى چىرىكلىككە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشاتتى.

3. ۋاشىنگتون پوچتىسى : تۈركىيە ئىقتىسادى كرىزىسقا يۈزلەنگەنسېرى بۇرۇن دۈشمەنلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا، ئۇلار بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى، بۇلار ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھەتتا سۈرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

4.بىلومبىرگ:  ئىقتىساد چېكىنگەنسېرى، تۈركىيەدە كۆچمەنلەرگە بولغان نارازىلىق كۈچەيمەكتە.

5.دۆلەت ئەنئەنىسى: تۈركىيە ناتودىن گىرېتسىيە مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

6.ئامېرىكا تۈركىيەنى رۇسىيە بىلەن داۋاملىق  يېقىنلاشسا، ئىقتىسادى جازاغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەردوغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق دېدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بايدىن تىرامپ ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دۈشمىنى دېدى، بىخەتەرلىك تارماقلىرى: ئىچكى ئۇرۇش خەۋپى يوق ئەمەس!جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى

شە سېنتەبىر 3 , 2022
1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پېنسلۋانيە شتاتىدا نۇتۇق سۆزلەپ: «ئامېرىكىنى بۈيۈك قىلىمىز دەيدىغان رادىكاللار دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان دېموكراتىيەگە ئەڭ زور تەھدىت » دەپ جاكارلىدى. بۇ ھازىرغىچە بىر پارتىيە پرېزىدېنتىنىڭ يەنە بىر پارتىيە ۋە پارتىيە پرېزىدېنتىغا قارشى سۆزلىگەن ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلەشتۈرۈش نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقان چاغدا تۆت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ياخو خەۋەرلىرىگە خەت يېزىپ مەزكۇر نۇتۇق ئامېرىكىنى تېخىمۇ بىر نەچچىگە بۆلۈشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

You May Like