ئىگىسى: ئۇيغۇر دىئاسفورا ياردەملەشمە ئېتتپاقى
(Uygur Diasporası Yardımlaşma İttifakı )
يىقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بارا-بارا كۈچەيگەن خىتتاي رىجىىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جۇدا قىلدى ( ئەلۋەتتە، خىتتاي رىجىمىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغۇچىلار يەنىلاۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزدۇر ) . ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈنسىرى ئىشىپ بېرىشى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويدى. ۋەتەندىن يېڭى ئايرىلغان چاغلاردا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئەل-يۇرت بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغان بولساق، كىيىنچە ئاتا-ئانىمىز، قىرىنداشلىرىمىز ۋە يىقىنلىرىمىزغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماسلىق ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئالاقىمىزنى ئۈچۈپ، ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ھىساپلىرىمىزنى يۇيۇپ، ئۇلار ئۈچۈن غىرىپ ياشاشنى تاللىدۇق. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە تېلىفۇن ۋە ئىنتىرنىت ئالاقىسى كىبى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمىزنىمۇ ئىشلىتەلمەس بولۇپ قالدۇق. بەزىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇھاجىرەتتىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىدىن كۆرسە، بەزىلىرىمىز ئىسلامدىن كۆردۇق؛ بەزىلەر زامانىدا ئۆز خاتالىقلىرى ۋە زامان، ماكان چەكلىمىسى تۈپەيلى مۇستەقىل ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ قىلىشمىزغا سەۋەپچى بولغان ئەجداتلىرىمىزدىن كۆرسە، يەنە بەزىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن داۋا لىدىرلىرىمىزدىن كۆردى. بۇ يەردە ئىزاھلاشقا زۆرۈر بولغان نۇقتا شۇكى، بۈگۈنكى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتتاي كومىنىست ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. لىكىن بىز < ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى > دەپ، ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى چىقىرىدىغان بىر نىشان ئىزدەپ ئاۋارە بولدۇق.
بۇ رەسىملەردە يېزىلغاندەك، ۋەتەندىكى قىرىنداشلار بىلەن كۆرىشەلمەسلىك، يىقىنلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىق، ئاتا-ئانىمىز ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن جەم بولالماسلىق بىزنى قىينىماقتا. روھىمىزنىڭ چۈشكۈنلىشىشىگە، كەيپىياتىمىزنىڭ بۇزۇلىشىغا، بىر-بىرىمىزدىن سەۋەبسىز ئاغرىنىشقا، دەۋا باشلامچىلىرىمىزدىن ۋە تەشكىلاتلاردىن رەنجىشكە، يېنىمىزدىكىلەردىن گۇمانلىنىشقا، قىسقىسى، ھەر خىل پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا. قانداق ياشاش، تۇرمۇشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش دىگەن سۇئاللارغا ھەممىمىز توغرا جاۋاب بىرەلەيمىز. ئاكتىپ روھىي ھالەتنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىمىزغا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى پايدىسىمۇ كۆڭلىمىزگە ئايان. لىكىن بىلىپ-بىلمەي دىلىمىز سۇنۇق، كۆڭلىمىز مەيۈس، كەيپىياتىمىز چۈشكۈن ھالەتتە كۈندىلىك ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ قانداق قىلغاندا مۇھاجىرەتتىكى مەيۈسلۈكتىن قۇتۇلالايمىز؟ زارلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەسىرىدىن قانداق ساقلىنىمىز؟ مېنىڭچە بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دائىم ئۇچىرايدىغان سۇئاللاردۇر. مۇھاجىرەتتە ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە چارە تىپىش ئۈچۈن، پىسخىكا نۇقتىسىدىن تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز.
1-ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن. ئارزۇ-ئارماننىڭ چېكى يوق. ئارزۇ قانچە چوڭ بولغانسىرى، ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىڭىز، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پىسخىكىڭىزمۇ ئاسانال تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىدۇ.
2-ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە سېلىشتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويىسىز. خىزمىتى يوقلارغا قاراپ كىرىمىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ ( ئەمما ھىچكىمنى كەمسىتمەڭ )، ئىلغارلار بىلەن تۆھپىڭىزنى سېلىشتۇرۇڭ، ماددىي جەھەتتە ئۆزىڭىزدىن تۆۋەنلەر بىلەن، تىرىشچانلىقتا ئۆزىڭىزدىن تىرىشچانلار بىلەن سىلىشتۇرسىڭىز، پىسخىكىڭىز نورماللىشىپ، قاقشاشلىرىڭىزمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقاپ كېتىدۇ.
3-ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئۆتكەن ئىشلارنى، بولۇپمۇ مەغلۇبىيىتىڭىزنى بەك ئەسلەپ كەتمەڭ، ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلەيسىز. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇش قارىشى بولىدۇ، بەزىلەر ناھايتى خوشال ياشايدۇ، بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىككە تولغان بولىدۇ، يىغىپ ئېيتقاندا بۇنىڭ ھەممىسى پىسخىكا مەسىلىسى. تۇرمۇشتادائىم تۇيۇقسىز قىيىنچىلىق ۋە كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىزنى قايمۇقتۇرۇپ، تىت-تىت قىلىپ
تىرىكتۈرىدۇ، ھەتتا بىزنى ياشاشتىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزدۈرىدۇ. كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، رىقابەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك بېسىملىرى ئاشماقتا. ئەگەر بۇنداق بېسىم ئېشىپ كېتىۋەرسە، كىشىنىڭ كەيپىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر ئادەم مۇۋاپىق باسقۇچتا ئۆزىگە بىر سەۋەپ تېپىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنۇتۇپ، بۇخىل روھى بېسىمنى يوقىتىىشقا تىرىشسا، ئاكتىپ كەيپىياتقا ئىگە بولىدۇ.
4-ئۆزىڭىزگە ۋە ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا تېخىمۇ كۆيۈنۈڭ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقت ئايرىڭ. ئۆزىڭىز ۋە ئۆيدىكىلىرىڭىزگە كۆپرەك كۆيۈنگەندە، باشقا كىشىلەرگىمۇ تېخىمۇ كۆيۈنەلەيسىز، ئەگەر قۇربىڭىز يەتسە، ياردەم بېرەلىگۈدەك ئادەملەرگە ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بېرىڭ، بۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ خوشال بولالايسىز. باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق تىپىش سىزدىكى بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ.
5-ساغلام بولغان بىر قىزىقىش يىتىلدۈرۈڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇڭ. يۈگىرەش، كىتاپ ئوقۇش، چەتئەل تىلى ياكى باشقا كەسپى بىلىملەرنى ئۈگىنىش دىگەندەك ساغلام قىزىقىش ۋە ئادەتلەر تۇرمۇشىڭىزنى موللاشتۇرىدۇ، كەيپىياتىڭىزنى كۆتىرىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام قىلىدۇ.
6-ئۆزىڭىزگە جەڭ ئىلان قىلىڭ، باشقىلارغا ھەسەت قىلماسلققا، قۇرۇق ۋە ئەھمىيەتسىز سورۇنلارغا بارماسلىققا، يالغۇز ھەسىرەت چەككەندە دەرھال دىققىتىڭىزنى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بۇراشقا تېرىشىڭ، ۋاقتىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئىشلارغا مەشغۇل قىلىڭ.
7-ھەر قانداق شارائېتتا، ئۆزىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. مەيلى قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان، ئۆچ كۆرىدىغان ئىش ۋە كىشىلەر بىلەن ھەپىلەشمەڭ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا تېرىشىڭ، بۇنداق ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىمىسىڭىز، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىز ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان بىر كىشىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز ۋە بۇ چاغدا سىزنىڭ قەلبىڭىز تېخىمۇ ئازاپلىنىدۇ.
8-ئىسلام دىنىمىزنى ئۈگىنىڭ. قۇرئان ئوقۇش، تەپسىرىلەرنى تەتقىق قىلىش، ھەدىس يادىلاش قاتارلىق ئىتىقادىڭىزنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، جامائەت نامازلىرىغا قاتنىشىڭ، ئايال كىشى بولسىڭىز سىزدىنمۇ تەقۋادار ھەمشىرىلەر بىلەن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولۇڭ، ئىتىقادى كۈچلۈك كىشىنىڭ پىسخىكىسىمۇ كۈچلىنىدۇ.
9-ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى قەدىرلەڭ. تىلىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەڭ، قارشى تەرەپنى ھەرقانچە ياقتۇرمىسىڭىزمۇ، سەۋەب كۆرسىتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق سۆز قىلىپ ئازار بەرمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىسىز. ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق ئادەملەرنى
قەدىرلەڭ.
10-ھەر كۈنىڭىزنى ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى كۈنىدەك قەدىرلەپ ياشاڭ. ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى بىجاندىللىق بىلەن ئورۇنداڭ، كىچىك نەرسىلەردىن ھوزۇرلىنىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ، يىقىنلىرىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ، سىزنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان، سىزگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئىرىنمەڭ، ئىلىۋاتقان نەپەسنىڭ، يەۋاتقان تاماقنىڭ، كۆرىۋاتقان گۈزەللىكلەرنىڭ تەمىنى چىقىرشىنى ئۈگىنىۋىلىڭ.