خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنيا مىقياسىدا تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپىلىرى توپلانغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تۆھمەت قىلدى.

ختتاي تاشقى ئىشلار مىنسترلىكى 9- ئاپرىل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سياسەت مەركىزى» قۇرغان «شنجاڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشى »، جىنە بۇنىن قاتارلىقلار قۇرغان «شاھىت بىز» تورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخپ ئامبىرى» قاتارلىقلارنىڭ «راست يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئالدىغانلىقىنى» ئېيتقان. خىتاي بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم خەلقئارالىق خىتايغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش ​​»شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى»، «شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ۋە «ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى ئەدلىيە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نى قۇردى ۋە بىر قاتار ئاتالمىش» گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى «نى توپلاپ، شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلاش ۋە راست يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇندى.»

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە دەلىللەش نەتىجىسىدە، بۇ ئۈچ «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» جەمئىي 12050 ئادەمگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ 708 ئادەم تەكشۈرۈلگەن، 1332 سى بولسا ئويدۇرۇلغان. تەكشۈرۈلگەن 10708 ئادەم ئىچىدە، 6962 ئادەم جەمئىيەتتە نورمال ياشاۋاتىدۇ، 3244 كىشى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش، زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋە باشقا جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، 238 ئادەم كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازا قىلغان، 264 ئادەم چەتئەلدە.»

باياناتچى مۇنداق دېگەن: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئىچىدە، «شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى» نامى پۇر كەتكەن «ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى» (ASPI) تەرىپىدىن قۇرۇلغان؛ «شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نى ئامېرىكىلىق بۇنىن ۋە بىر قانچە خىتايغا«مۇتەخەسسىسلەر» ۋە « شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى» قۇرغان؛ «ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى ئەدلىيە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىقىدىكى « نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى »نىڭ رەھبىرى بەختىيار ئۆمەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 

خىتاي باياناتچىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىپ «شەرقى تۈركستانچى ئۇنسۇر تاھىر ئىمىن »دەپ ئاتىغان. تاھىر ئىمىن بۇ ھەقتە، بۇ ئەدلىيە ئارخىپلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2021- يىلى 10- ئاپرىل 

مەنبەسى: تۈ ركستان تايمىز

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قۇتۇلغىلى بولمايدىغان شىنجاڭ پاختىسى: خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار غەرب ۋە خىتايدىن قايسىسىنى تاللايدۇ؟

يە ئاپرېل 11 , 2021
خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئالدى دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، بۇلتۇر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كىيىم - كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى H&M شۇ رايوننىڭ پاختىسىنى سېتىۋىلىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

You May Like