خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-مارت

خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادى جازاسى ئارقىسىدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى يەنە قانچىلىك داۋاملىشالايدۇ؟ بۇ ھەقتىكى ئەنگلىيە ب ب س تورىنىڭ ئانالىز ماقالىسى

تەرجىمىدە: ئارمان

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ھەر تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاپ خەلقئارالىق بازاردىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ئىزچىل ھالدا غەربنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشماي كەلدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن خىتايدا خەلقتىن تارتىپ ھۆكۈمەتكە قەدەر رۇسىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش دولقۇنى قوزغالدى. 

قەغەز يۈزىدىن قارىغاندا، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر دۆلەت. بۇلتۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسى 147 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، رۇسىيە تاشقى سودىسىنىڭ 18% نى ئىگىلىگەن. سودا ئېشىش نىسبىتىمۇ 36% كە يەتكەن.

نۆۋەتتە خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلانغان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. پۇتىننىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي رۇسىيەدىن 117مىليارد 500مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش توختامىغا قول قويدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى سودا سوممىسىنى 2024-يىلىغىچە 250مىليارد دوللارغا كۆتۈرمەكچى بولدى.

ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رۇسىيەگە ياردەم قىلىپ غەربنىڭ ئىقتىسادى ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ-يوق؟ بۇ ھەقتە ئەنگلىيە BBC تورى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۆۋەندىكى ئانالىزىنى ئېلان قىلدى.

1. ياۋروپا ئالمىغان خام نېفىتنى خىتايغا سېتىۋەتكىلى بولامدۇ؟

گەرچە خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىسى بولسىمۇ، ئەگەر پۈتۈن ياۋروپانى بىر گەۋدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقە سوممىسى خىتاينىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق.

بولۇپمۇ، رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى. خەلقئارا ئېنېرگىيە تەشكىلاتى (IEA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر خىتاي ئىمپورت قىلغان خام نېفىت رۇسىيە ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ پەقەت 20%نى تەشكىل قىلغان. رۇسىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى خام نېفىتى يەنىلا ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنغان.

خەلقئارا مالىيە بازىرى سان ئامبىرى Refinitivنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، رۇسىيە 2-ئايدا دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا كۈنىگە 2مىليون 660 تۇڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلغان. 

نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئېمبارگو ۋەزىيىتى ئاستىدا، ياۋروپادىكى نېفىت پىششىقلاش زاۋۇتلىرى رۇسىيەنىڭ نېفىتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن توختىدى. ئۇنداقتا خىتاينىڭ رۇسىيەدىن مۇشۇنداق زور مىقداردىكى نېفىتنى سېتىۋالىدىغان قۇدرىتى بارمۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە «ناھايىتى تەس». رېيتېر ئاگېنتلىقى ئانالىزچىسى Russell Claydon نىڭ قارىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇ نېفىتلىرىنى سېتىۋالدى دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇلارنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈشكە، ياكى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «ئۈمىد تۇمشۇقى»دىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىلىك يۈرۈش ترانسپورت ھەققىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خىتايدىكى نېفىت پىششىقلاش زاۋۇتلىرىنىڭ غايەت زور بولغان چىقىمنى قوبۇل قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن.

سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2-ئايدا رۇسىيە خىتايغا كۈنىگە ئاران 18مىڭ تۇڭ خام نېفىت ساتقان بولۇپ، بۇ سان ياۋروپانىڭ ئاران ئۈچتىن بىر ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

تەبىئىي گاز جەھەتتىمۇ ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش. نۆۋەتتە رۇسىيە «سىبىرىيە كۈچى-1»(Power of Siberia-1) تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا يىلىغا  16 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز يوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى توختامغا ئاساسەن 2025-يىلىغا بارغۇچە يۆتكىلىدىغان تەبىئىي گاز  ئومۇمى سانىنى 38 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزمەكچى؛ يەنە بىر يۈرۈش 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق گاز يۆتكىيەلەيدىغان تۇرۇبا ياسىلىۋاتقان بولۇپ 2026-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن.

گەرچە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى بارلىق گاز يۆتكەش تۇرۇبىلىرىنىڭ ھەممىسى توختىماي ئىشقا كىرىشتى دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى Stream 2 ناملىق گاز يۆتكەش تۇرۇبىسىنىڭ 55 مىليارد كۇب مېتىرلىق مىقتارىدىغا يەنىلا يەتمەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن بۇ تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى توختىتىپ قويۇلغان.

2. سودىدىن سىرت، خىتاي رۇسىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىممۇ؟

ئىقتىساد پەنلىرى ئاقىللار ئامبىرى (EIU) نىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مەسئۇلى Tom Raffertyنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى رۇسىيە قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ سودا جەھەتتىكى خىتايغا بولغان تايىنىشى مۇقىم ھالدا ئاشماقتا ئىكەن. ئەمما، سودىدىن سىرتقى ساھەلەردە خىتاينىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرى ئۇنچىلىك مۇھىممۇ ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ مۇھىم بولغان چەتئەل مەبلەغ سالغۇچى ياكى قەرز بەرگۈچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىمۇ ئەمەسكەن. ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتە رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم رايونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

سانلىق مەلۇماتلارمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە، رۇسىيەگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا: سىپرۇس (179 مىليارد 980 مىليون دوللار)، گوللاندىيە (52 مىليارد 120 مىليون دوللار)، بېرمۇدا (37 مىليارد 790 مىليون دوللار)، لىيۇكسېمبۇرگ (36 مىليارد 610 مىليون دوللار)، ئەنگلىيە (36 مىليارد 370 مىليون دوللار)، ئىرېلاندىيە (30.44 مىليارد دوللار)،  جېرسېي ئارىلى -ئەنگلىيەگە قارايدۇ (27.18 مىليارد دوللار)، باھاما (25 مىليارد 980 مىليون دوللار) فىرانسىيە (22 مىليارد 310 مىليون دوللار)، گېرمانىيە (21مىليارد 130مىليون دوللار)، شىۋىتسارىيە (18 مىليارد 920 مىليون دوللار) بولغان.

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئوخشاش دەۋردە خىتاينىڭ رۇسىيەگە سالغان مەبلىغى جەمئىي 12 مىليارد 800 مىليون دوللار بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن خېلىلا ئاز بولغان.

ئۇنىڭدىن سىرت رۇسىيەدىكى نۇرغۇن بانكىلار SWIFT سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلدى، بۇ ھال رۇسىيە ئىقتىسادىغا غايەت زور زەربە بولىدۇ.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان خەلقئارالىق ھېسابات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان (STFMۋەCIPS). ئەمما نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ سىستېمىلار ھازىرچە ھەرگىزمۇ SWIFT نىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن.

2014-يىلىدىكى قىرىم ئۇرۇشىدىن كېيىن، رۇسىيە خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى تاشقى پېرېۋوت زاپاس مىقدارىدىكى سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. ئەمما خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئېنېرگىيە سودىسى يەنىلا ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. خىتاي مۇستەھكەم ھالدا غەربكە قارشى رۇسىيەنى داۋاملىق قوللىيالامدۇ-يوق؟

گەرچە خىتاي ئېغىزىدا « مۇستەھكەم ھالدا تاق تەرەپلىك قانۇنسىز ئېمبارگو قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىمىز» دېسىمۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئۇنچىلىك «مۇستەھكەم» بولالىشى بەكمۇ تەس.

رېيتېر ئاگېنتلىقى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق يازدى:« خىتاي مەبلىغى ئاستىدىكى چوڭ بانكىلار بىر تەرەپتىن رۇسىيە خېرىدارلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان بولسا، ئوخشاش ۋاقىتتا غەربنىڭ يولغا قويغان بىر قىسىم ئېمبارگو سىياسەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئاۋارە.»

پەيشەنبە كۈنى  «ئاسىيا ئاساسى ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى» (AIIB) بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ۋە بىلارۇسىيەگە ئالاقىدار بارلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋەھالەنكى خىتاي ئەڭ چوڭ پاي چېكى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر بانكىنىڭ 26.5% پاي چېكىگە ئىگە.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئېغىزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا كېلىپ چىققان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم خىتاي مەبلىغىدىكى بانكىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى خىتاي ئىچىدىكى كىچىك بانكىلارغا يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىمبارگودىن ساقلىنىشنى ئويلىشىۋاتقان.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېمبارگو دېمەك، ئەگەر شىركەتنىڭ سودا تۈرلىرى ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى دۆلەتلەر ياكى شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالسا، مەزكۇر شىركەتمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ. ئىلگىرى خىتاينىڭ «خۇاۋېي» ۋە «جۇڭشىن» شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا قارشى داۋاملىق تۈردە ئىران بىلەن سودا ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ تۈردىكى جازاغا ئۇچراپ زور سوممىدا جەرىمانە تۆلىگەن. 

Tom Rafferty ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن : « خىتاينىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، رۇسىيە ئىقتىسادى يەنە بىر ئاماللار بىلەن داۋاملىق «ھايات» قېلىشى مۇمكىن، ئۇلار ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنىڭ كەمچىللىكى رۇسىيە ئىقتىساد ئامىلى ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە قارىتا ئاپەت خارەكتىرىلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەتكىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىدە رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، خەلقئارادىكى ئىقتىسادشۇناسلار ئامبىرى 2022-يىلىدىكى رۇسىيەGDP سىنىڭ 10% ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بىر ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانى- ئۇيغۇرىئان

دۈ مارت 7 , 2022
بىر ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانى- ئۇيغۇرىئان

You May Like