ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 9-فېۋرال
ياۋروپادىكى بىر قانچە خىل تىلدا تەڭ تارقىتىلىدىغان، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى Arte قانىلىدا 8-فېۋرال كەچتە «ئۇيغۇر تراگېدىيەسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىم ھازىرغىچە ياۋروپادا قويۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان ھەققىدىكى ئەڭ تەپسىلىي ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، فىرانسىيەلىك داڭلىق رېژىسسورلاردىن Romain Franklin بىلەنFrancois Reinhardt نىڭ ھەمكارلىقىدا روياپقا چىققان. فىلىم ئۇزۇنلۇقى 105 مىنۇت بولۇپ، فىرانسۇزچە، نىمىسچە، ئىسپانچە ۋە ئىتالىيانچە تىللىرىدا تارقىتىلغان. فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى يەرلىرىنى دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان.
فىلىم قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى داڭلىق خەۋەر مەتبۇئاتلىرىدىن «دۇنيا گېزىتى»، « كۆزىتىش ژۇرنىلى»، «فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» قاتارلىق ئون نەچچە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلەپ تارقاتقان. ئىگىلىشىمىزچە، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن فىرانسىيە ئاھالىلىرىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىغان ھال سورىغان ئۇچۇر ۋە تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالغان. فىرانسىيەدىكى سوتسىيال مېدىيالاردىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقالغان.
دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ فەيسبۇكتىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ شەرقىي تۈركىستان، خىتاي، گوللاندىيە، ئالبانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇيغۇرشۇناسلار، سابىق دىپلوماتلار، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئاكتىۋېستلار، خىتاي سىياسىيونلىرى، ۋە ئاكتىۋېستلىرى، داڭلىق ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلغان. نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ راۋاجلىنىشىچغىچە بولغان جەريانلار ئىنتايىن تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.
فىلىمدە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى، قەلبىنۇر سىدىق، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىقلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەندىن سىرت، ژۇرنالىست شۆھرەت ھوشۇر، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىمجان غېنى قاتارلىقلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن. خىتايشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن ئادرېئان زېنىس، جېيمىس مىلۋورد، جېيمىس لېيبورد قاتارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ۋە يېڭى زېمىن مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ مەجبۇرىي قويۇلغانلىقى، ئەمما ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ نامنى قوبۇل قىلماي «شەرقى تۈركىستان» نامىدا دۆلەت قۇرغانلىقىدەك تارىخىي ۋەقەلەر تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن. 1948-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قانداق قىلىپ سوۋېتنىڭ ياردىمىدە بۇ زېمىنغا ئېرىشكەنلىكى، كېيىن قەدەممۇ قەدەم بوز يەر ئېچىش، ياردەم بېرىش دېگەندەك ناملار ئاستىدا كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئۇيغۇر زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى سېئان روبېرتىس فىلىمدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» دەپ نام قويغان بۇ زېمىندا بارلىق ھوقۇقنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلەپ بولۇنغانلىقىنى دەپ : «بۇ يەردە قانداقتۇر ئاپتونومىيە ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.
ئادرېئان زېنىس ئۆزىنىڭ تەتقىقات ھۆججەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىش، سۈرگۈندە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بىر قوللۇق پىلانلىنىپ، چېن چۇەنگو تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتكەن. فىلىمدە تەتقىقاتچىلار يەنە خىتاينىڭ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئاتالمىش «جىھادچىلار»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ خىتايدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنى ئۇلار بىلەن باغلىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. شۇنداقلا خىتاينىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا باشلانغان تىنچلىق نامايىشلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
فىلىمدە يەنە ۋەتىنىمىزگە بېرىپ جازا لاگېرلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەن ئالبانىيەلىك ژۇرنالىست ئولىس يازىچىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغان سەھنە ھازىرلاپ خەلقئارانى ئالداۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان، شۇنداقلا خىتاي ياسىغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» توغرىسىدىكى ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ باقمىغان بەزىبىر سىن كۆرۈنۈشلىرى قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي رېجىمنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنىمۇ يوقىتىپ باغچىلارغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقى، يەنە بەزى مازارلىقلاردا بولسا ئىسمى يېزىلمىغان نۇرغۇنلىغان ئوخشاش قەبرىلەرنىڭ ياسالغانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
تۇتقۇندىكى يازغۇچى، يالقۇن روزىنىڭ قىزى تۇمارىس يالقۇننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا سالغان زىيانكەشلىكلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپىغا قىلىۋاتقان يوقىتىش خارەكتىرىلىك سىياسەتلىرى پاش قىلىنغان. فىلىمدە يەنە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن.
شۇ كۈنى ئاخشىمى Arte قانىلىدا قويۇلغان مەزكۇر فىلىمنىڭ كەينىدىنلا «خىتاينىڭ يېڭى ئارمىيەسى» نامىدىكى 90 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان بولۇپ، بۇ فىلىمدا ئاساسلىقى خىتاينىڭ 2000-يىللاردىن بۇيانقى خەلقئارا تور ساھەسىدىكى سالغان ھەر خىلدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلىرى، تور بۇزغۇنچىلىقى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن. خىتاي كومپارتىيەسى ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان «خۇاۋېي» شىركىتى توغرىسىدىكى مەلۇمەتلارمۇ تەپسىلىي بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ دۇنياغا سېلىۋاتقان يېڭى تەھدىتلىرى ئاشكارا ھالدا يورۇتۇلغان. مەزكۇر فىلىمگە فىرانسىيەلىك ياش ژۇرنالىستلاردىن Thomas Lafarge ۋە Rémi Labed قاتارلىقلار رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئامېرىكا، فىرانسىيە، خىتاي قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنىپ ئىشلەنگەن. ئىگىلىشىمىزچە، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، فىلىمنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.