تايلاند كۈندىلىك خەۋەر ئاگىنتلىقى 2019-2-13
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى، ئەردەم
تايلاند كۈندىلىك خەۋەر ئاگىنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يەتتە نەپەر ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۈرمىسىدىن قىچىپ كەتكەن. ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ بىرىنى تۇتقان. بۇ قىتىملىق تۈرمىدىن قىچىش خىزمەتچى خادىمنىڭ بىخەستەلىكتىن تۈرمە ئىشىكىنى تاقىمىغانلىقتىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار چارلاشنى كۈچەيتىپ، 6 نەپەر قاچقۇننىڭ رەسىمىنى ئىلان قىلغان. 13-فىۋرال، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ، قاچقۇنلارنىڭ 2016-يىلى چىگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئىيىتقان. نۆۋەتتە زادى خىزمەتچى خادىم بىخەستەلىك قىلدىمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ تەكشۈرۈلمەكتىكەن. ئىدارە باشلىقى يەنە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تۈرمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە بۇيرىغان.