تارىخى پۇرسەتتە، زىيالىيلار يۈتۈپ كەتتى
ئىھسان ئۇمۇن
(قارلۇق مۇئەللىم بىلەن بولغان سۆھبەتتىن تۇغۇلغان ئويلار)
خەلقئارا خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ تۇرغۇچىلار نۆۋەتتىكى پۇرسەتنىڭ تارىخىلىقىنى تولۇق ھىس قىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر خەلقارا مەسىلە سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى. غەرىپ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كۈچىيىپ، كىلىشتۈرگىنى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆتكۈرلەشمەكتە. ھازىرقى ئەھۋال مۇشۇ پېتىلا داۋام قىلسا كەلگۈسى يىللاردا خەلقئارا سىياسىي سىستىمىدا زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ چوڭ ئۆزگۈرۈشتە، يىڭى كۈچ تەقسىماتى ۋە يىڭى ئورنىتىلىدىغان سىياسىي سىستىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورنى بولامدۇ؟ بۇنى مۆلچەرلەش بىر قەدەر قىيىن.
خىتاي بىلەن غەرىپنىڭ توقىنىشى ئۇيغۇرغا چوقۇم بېر دۆلەت قۇرۇپ بېرىدۇ دەپ كېسىپ ئېيىتقىنى بولمايدۇ. يىرى كەلگەن ئىكەن، بۇنىڭ قۇلاققا خوش ياقىدىغان، پەقەت ئۆمۈدلا بېرىدىغان بىر يازما ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىر قەدەر خەتەرلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىمىزغا چوڭ بىر پۇرسەتنىڭ كېلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى. چوڭ بىر پۇرسەت كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىش پوتانسىيالىغا بىر نىمە دىگىنى بولمايدۇ.
نۆۋەتتىكى توقۇنۇش غەرىپ بىلەن خىتاي، يەنە دېمۇكراتىك دۇنيا بىلەن دىكتاتۇر دۇنيا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار بىر دىكتاتور دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلىق، بىراق دېمۇكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ئەڭ تۆۋەن ئۆتكەلدىن ئۆتكىدەك سەۋىيەدە ئەمەس.
بۇ سىياسىي پۇرسەت بىلەن ئىجدىمائىي رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلىش لازىم؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئاقارتىش ۋە سىياسىي كىملىك تىكلەش ھەركىتىنى كىم ئېلىپ بارىدۇ؟
دېمۇكراتىك دۆلەتلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرسا تۇرىدىكىن، ھەرگىز شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنجى ئافغانىستان ياكى ئىككىنجى ئىراننىڭ تىكلىنىشىگە ماقۇل بولمايدۇ.
دىنى دۆلەتلەر تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋىرلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتتى، دىنى دۆلەت ياكى دىكتاتور تۈزۈم ھەرقانداق بىر دېمۇكراتىك دۆلەتنى قورقىتىدۇ. ئىران بىلەن ئافغانىستانغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قىممىتى بولمىغان، خىتايپەرەس، دىنى ۋە دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ باش ئاغرىقىنى تارتىپ بولالمايۋاتقاندا، ھىچقانداق بىر نورمال دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ياكى دىكتاتور بىر تۈزۈمدە دۆلەت قۇرىشىغا ياردەم قىلمايدۇ.
بۇ تارىخى پۇرسەتنى دىنى ئىچىرقاشلارغا ۋە جىھاتچىلىق تەشەببۇسلىرىغا غەرىق قىلىۋېتىشنى ئويلايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى سىر ئەمەس. ۋەتەننى ئەرەب چۆللىرىدىكى دىنى تالاش-تارتىشلارغا تىگىشىۋەتسەك، بۇ قېتىم ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا خوش دىيىشكە مەجبۇر بولىمىز.
بىز بىرىنجى قەدەمدە دۇنياغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. بۇ نىشان چوڭ غەلبىلەرگە ئېرىشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قېرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە ئاڭلىتىش بىلەن بىللە، ئىككىنجى باسقۇچتا ئۇيغۇرىستان(شەرقى تۈركىستان) نىڭ بىر مۇستەملىكە تۇپراق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.
بىزنىڭ تاشقى دۇنيادىكى سىياسىي نىشانلىرىمىز ۋە لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىمىز يامان ئەمەس ئىلگىرلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ تەشكىلى شەكىلدە ئېلىپ بارغىنى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىمۇ چۈشەنچە ۋە پىكىر جەھەتتىن بۇ تارىخىي پۇرسەتكە ھازىرلاش لازىم. تاشقى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن پۇرسەت، ئىچكى جەھەتتىكى قالاقلىق، مۇتەئەسسىپلىك ۋە تەشكىلسىزلىك سەۋەپلىك قولدىن كەتسە بۇ ئېنتايىن ئىچىنىشلىق ئىش بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋا تەجرىبىسى بولغان دۇنيانى چۈشىنىدىغان ئوچۇق پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىز مەۋجۇت. لېكىن بۇ زىيالىيلارنىڭ بىر مەركەزگە يىغىلىپ، بىر ئەكول(ئېقىم) قۇرۇپ، تەپەككۈردە ئېغىرلىق يارىتىشى تازا تەسكە توختىدى. شۇنچە ئىلغار پىكىرلىك ۋە تەسىرى كۈچلۈك شەخىسلەر بولسىمۇ، بەزىلىرىدە جاھىللىق، بەزىلىرىدە تەكەببۇرلۇق، بەزىلىرىدە شەخسى زىدىيەت سەۋەپلىك بىر يەرگە كىلەلمىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زامانىۋى دۇنياغا ماسلاشتۇرالايدىغان بىر چۈشەنچە ئىقىمى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى.
بۇ سەۋەپلىك، دۇنيادىكى مەۋجۇت سىياسىي ۋەزىيەتنى ۋە مەۋجۇت سىياسىي پۇرسەتنى ئۇيغۇرلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنى بۇ تارىخى پۇرسەتكە ھازىرلىيالمايۋاتىدۇ. كىچىككىنە شەخسىي زىدىيەتلەر ۋە كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىقلار سەۋەپلىك ئەڭ ئىلغار زىيالىيلىرىمىز بىرلىشەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭ تالونى ئۇيغۇرلارغا كېسىلىۋاتىدۇ.
دىئاسپورادا كۈنسىرى رادىكاللىشىۋاتقان كىشىلەر، بىلىم ۋە سىياسىي مەلۇماتتىن ئۇزاق ياشلار، ئۆكتىچى قالپىقىغا ئورنىۋىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئەقىل ۋە سالماقلىقتىن ئۇزاقلاشتۇرىۋاتقان ئاپئاق غوجىلار…..؟
ئۇيغۇرلار بۇ تارىخى پۇرسەتكە ھازىرمۇ؟ زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنى بۇ تارىخى پۇرسەتكە قانچىلىك ھازىرلىدىڭلار؟