خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا مېركېلنىڭ ئىشىكى يەنىلا ئوچۇق

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن دوستانىلىك دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننى بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ، بېيجىڭغا قارشى ياۋروپا بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى خالايدۇ.

 

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 06.07.2021
دانىيال بروسسلېر – بېرلىن

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن دوستانىلىك دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننى بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ، بېيجىڭغا قارشى ياۋروپا بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى خالايدۇ.

ئەگەر خىتاي ئاخباراتى- شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرى راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھەپتە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل ئۈچۈن، كوممۇنىستلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى باشلاندى دېگەن بولىدۇ. خىتاي دۆلەت ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېركېل ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىندا شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 100 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە غەلىبىلىرى، خىتاي خەلقىنىڭ پارتىيەنى قوللىشىدىن – دەپ تەكىتلىگەن .

كوممۇنىستىك شەرقى گېرمانىيەدىكى ماركىسىزم-لېنىنىزم دەۋرىدە، فىزىكا ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە 《يېتەرلىك》 دەپ باھالانغان مېركېل، خىتايلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا كوممۇنىزمنى ۋە پارتىيەنى ماختايدىغان بۇ خىل ئىدىيەۋى سۆزلەرگە دەسلەپتىلا كۆنگەن بولۇشى مۇمكىن . بەلكىم ئۇلار پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدەك داۋراڭلارنى ئەڭ كىچىك مەسىلە دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.

مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخىرىقى بىر نەچچە مېتىرى قالدا، باشقا سىياسەتچىلەرنى قىيىنچىلىققا قويمايلا، شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلماقچى بولۇۋاتقاندۇ . ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن مېركېلنى كېلەر ھەپتە ئاقسارايدا كۈتىۋالىدۇ.

يەرشارىۋى سىياسىتتە خىتاي، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھازىر ئەڭ كۈچلۈك پارتلايدىغان، ئۈچبۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت دەۋرىگە كىرگەن بولىشى مۇمكىن . ۋاشىنگىتوننىڭ بېسىمى قانچە كۈچەيسە، ياۋروپالىقلار خىتاي ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن ياۋروپالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق .

جو بايدىننىڭ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشتا قانچىلىك ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ 6- ئايدىكى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئوچۇق كۆرۈلدى.

ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «G7 باشلىقلار يىغىنى» دا ۋە برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇ خىتاينىڭ مۇستەبىت كۈچىگە قارشى دېموكراتچىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى . بايدىن ھەر ئىككىلا يىغىندا باش مىنىستىر مېركېل بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا كۆرۈشتى.

خىتاي بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئەپلىك ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدا ئالىدىغان مۇناسىۋەتكە ئىنتىلىش، مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىك خىزمىتىدىكى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىزىل كانارىنىڭ بىرىدۇر. (يەنى ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خۇددى قىزىل كانارىنى بويلاپ ماڭغاندەك، ئېغىشماي ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.)

مېركېلنىڭ سىياسىي پوزىتسىيىسى سىرلىق

گېرمان – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە، تىرامپنىڭ دەۋرىدىكى قاباھەتلىك چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش قايتا تەبرىكلەندى. نەتىجىدە مېركېل، تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسى ئۇلرىخ سپېك ئېيتقاندەك: «جۇغراپىيىلىك ستراتېگىيە مۈجمەللىكى» نى تاللىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى ۋە ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن سىن يىغىنىدا، مېركېل «سۆھبەتنى كۈچەيتىش» ئارقىلىق پىكىر پەرقىنى ئازايتىشنى ئالغا سۈرگەن.

باش مىنىستىر مېركېلنىڭ قۇرۇق باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.» ئېنىقكى، ھازىرقى بۇ مۇناسىۋەتلەر، مېركېلنىڭ 2020 – يىلى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك ئەمەس. مېركېل تەلەپ قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ لايپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقى- خىتاي پەۋقۇلئاددە ئۇچرىشىشى» ۋىرۇس كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئەمما خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇزۇن يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن، باش مىنىستىر مېركېل ھېچ بولمىغاندا: «خىتاي- ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن بېيجىڭ رەھبەرلىكىنىڭ، خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ماقۇللىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا پارلامېنتى (مېركېلنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن بارلىققا كەلگەن) مەبلەغ سېلىش كېلشىمىنى تەستىقلىمىدى .

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي دۆلەت باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پەرقلىق مەسىلىنى توغرا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»

خىتاينىڭ جازالاش قارا تىزىملىكىدىكى، ياۋروپا يېشىللار پارتىيىسى بىرلەشمىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى: «شى يەنىلا مېركېل ۋە ماكرونغا تېلېفون قىلسام يېتەرلىك دەپ قارايدۇ.» دېدى. ئەمەلىيەتتە شى، مېركېل ۋە ماكرونلار ئاپرېلدا ئاللىبۇرۇن سىن يىغىنى ئاچقان ئەمەسمۇ!

يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى بۇتىكوفېر مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كەڭ كۆلەمدە يوقاتتى.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ھېچ بولمىغاندا «خىتاينىڭ ياۋروپادا كەڭ كۆلەمدە يوقىلىۋاتقانلىقىنى.» چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.

شى مېركېل بىلەن ماكروننى بەكلا جەلپ قىلىۋالغان. ئەمما ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە قارشى ئالغان قارارىنى بۇزالمايدۇ.

شى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىلا ئەمەس . نۆۋەتتىكى «G7» خىتاينى «خىرىس قىلغۇچى» دەپ ئاتىدى. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاينىڭ يىپەك يولى ئەسلىھەسىگە قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ- ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش تۈرىگە ئوخشاش . شى مېركېل بىلەن ماكروننىڭ ئافرىقىدا ھەمكارلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلدى . مېركېل : خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى دەسلەپتە ئىجابىي دەپ قارىدى . ئۇ پەقەت «ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلى بىلەن سۆزلەشىسەكلا بولىۋېرىدۇ.» – دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. مېركېلنىڭ بۇ پىكرى، بايدېننىڭ بىرۈسسېلدە خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك سىستېمىلىق رىقابەتچى تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغاندا ئويلىغانلىرى بىلەن ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.

يېشىللار پارلامېنت ئەزاسى بۇتىكوفېر ئەپەندى خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېركېل ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە، دائىم قېلىن تاختاينى تېشىپ كەلگەن . ھازىر ئۇ ياغاچ تاختاي ئەمەس، بەلكى پولات تاختاي. ئەمدى ئۇ ياغاچ تېشىدىغان ئۈسكۈنە بىلەن ھېچ نېمە قىلالمايدۇ.»

(گېرمانچىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

07.07.2021

ئابدۇرەھىمجان

Uyghur Reporter

Next Post

ئاتالمىش "شىنجاڭ ياخشى جاي" نامىدىكى سىن يىغىنى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى

يە ئىيۇل 18 , 2021
خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ توربېتىدە كۆرسىتىلىشىچە 9-ئىيۇل خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى (فرانسىيەنىڭ مارسېل، ستراسبۇرگ، لېئون قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تارماق كونسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بىلەن "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى" نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا "شىنجاڭ ياخشى جاي" نامىدىكى تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

You May Like