شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەسىرلىك بىر ماقالە (1)
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چارشەنبە سائەت 7:51
ئەخمەت دوئان ئىلبەي
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:رازىيە
ئەزىزلەر!ياشلىقىمىزدىن باشلاپلا شەرقى تۈركىستانغا ئائىت كىتاپ – ژورناللارنى ئوقۇيتۇق. ئاللاھقا ئىشەنگەن تۈرۈك مىللىتىنىڭ داۋاسىغا ئىگە چىققان، ئەمما شەرقى تۈركىستان تۈركلىرى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولماسلىق، بۇ ھەقتە ئوقۇماسلىق غەلىتە تۇيۇلاتتى. ئۇ چاغلاردا، شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىز نەزىريە ئىدى خالاس… پەقەت پىكىرداش، قەلىبداش دوسلىرىمىز ئۆيلىرىگە مىھمانغا چاقىرىپ، مەركەزلىرىگە دەۋەت قىلىش جەريانىدائۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم.قارىسىلا مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپمۇ تۈرك مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ شەرقى تۈركىستانلىق ياپياش ئۇنۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن قىسمەتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۈن-تىنسىز ياش تۆكەتتىم ۋە ئۆپكەم ئىچىشاتتى…بۇ بولسا ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە مەلھەم بولىدىغان بىر ئىش قىلىش ۋەياكى بىر نەرسە سۆزلىشىمنىڭ لازىملىقىدىن كەلگەن ئىچىشىش ئىدى……
ئۇدۇلۇمدا ئانا سۈتىدەك ھالال ئىسلام بىلەن يىتىشكەن، تۈرۈكچىمىز بىلەن گەپ قىلىۋاتقان، ئىسىملىرى بىزنىڭكىگە ئوخشاش ئابدۇللاھ، ئابدۇلھەمىد، ئەخمەت، مۇستاپا….بولغان ھەم پەرىشان ھەم بەخىتلىك شەرقى تۈركىستانلىق ياشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا، يۈركۈم مىڭ يىل يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىپ كىتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقانلىرى قانداق بىر زۇلۇم؟ ئۇلارنىڭ ياشىغانلىرى قانداق بىر ۋەھشەت ھە؟! بەدىنىمگە بىر تىتىرەك ئولاشقان،تىللىرىم تۇتۇلغان ئىدى…شۇ چاغدا «ئۆمۈرۈمنىڭ ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرىمنىڭ ئۇچرىغان خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە بىر نەرسە يازمىسام…»دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم.
ئاددىيلا باشلاي، موستار ژورنىلى 2018-يىلى 5- ئايلىق159- سانىدا، بۇ مەسلىلەر ھەققىدە سۆز ساھىبى ئەلى يۇرتگەزەن ئۇستازىمىزنىڭ «خىتاي زۇلۇمىنىڭ پىلانلاش ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈش تەجرىبىخانىسى: شەرقى تۈركىستان»ماۋزۇلۇق تولىمۇ چوڭقۇر پىكىرلىك بىر ماقالىسى ئىلان قىلىندى. بۇ قىممەتلىك ماقالە 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى «ئەدەبىي پىكىر» تور سەھىپىسىدىمۇ ئورۇن ئالدى.
يىغىنچاقلىغاندا، شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدە كۆرۋاتقان زۇلۇملىرىنى،بۇ يەردىكى تۈركلەرنىڭ دىنى ئىبادەتتىن مەھرۇملىقى، مىللىي كىملىك، مەدەنىيەت ئاسلىملاتسىيەسى،ئىسىم – ڧامىلىلىرىنىڭئۆزگەرتىلىشى،پەرزەنت سانىنىڭ ئازايتىلىشى قاتارلىق دەججالنىڭمۇئەقلىگە كىرىپ چىقمايدىغان زۇلۇم تۈرلىرىنى ئاڭلاتقان بۇ قىممەتلىك ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يازماقچى بولغانلىرىمنىڭ بىر تەكرار ھەم تولىمۇ ئاددى بىر نەرسىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم ۋە ئەلى يۇرتگەزەن ئۇستازىمىزنىڭ ماقالىسىنى ئىككى بۆلۈم ھالىتىدە يىغىنچاقلاپ سۇنۇشنى توغرا تاپتىم .
تۆۋەندە ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى- يازماقچى بولغان ماقالەمنى، ئالدى بىلەن دۆلەت ئەربابلىرى، ئاندىن شەرقى تۈركىستان تۈرۈكلىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋاتقانلار، شۇنداقلا بۇ قەدىمى تۈرك دىيارىدىكى قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىچىنىۋاتقان، كۆز يىشى تۆكىۋاتقان ھەركىم ئوقۇسۇنكى، بۇ مېنىڭ دەردىم ۋە ئارزۇيۇمدۇر.
«خىتاينىڭ زۇلۇم پىلانلىرىنى تۈزەش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش تەجرىبىخانىسى: شەرقى تۈركىستان» (1)
دۆلەت ۋەياكى سىياسەت تەرىپىدىن»جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىنتايىن مايىل»دەپ قارىلىپ 24 سائەت كۆزىتىش ئاستىغا ئىلىنغان بىر خەلقنى ئويلاپ بىقىڭ. ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ پۈتۈن كوچا –مەھەللىرىگە، ھەتتاكى ئۈستى يىپىق جايلارغىچە چىراي تۇنۇش ئۈسكىنىلىرى سەپلەنگەن. قول –تىلىڧۇنلىرىغا،كومپىيۇتىرلىرىغا، بانكا كارتلىرى ۋە مال سىېتىش–سېتىۋىلىش كارتىلىرىغىچە مەجبۇرىي ئىز قوغلاش سىستىمىسى يۈكلەنگەن.يېشى 12 بىلەن 65ئارلىقىدا بولغان ھەر كىشىنىڭ د ن ئا ئۆرنىكى، بارماق ئىزى ۋە قان تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى يىغىلىپ ئارخىپلاشتۇرۇلماقتا.پەقەت شەھەر، ناھىيەلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يېزىلار ئارىسىدىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.كىشىلەرنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالىقىسى ئاللىقاچان توسۇپ قۇيۇلغان. كىشىلەرنىڭ قەيەرگە بېرىپ كىملەر بىلەن كۆرىشىشى، نېمىلەرنى دېيىشىشى ۋە ھەتتا نېمە ئېلىپ-سېتىشلىرىمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېنىقلىنىپ تۇرىدۇ. بىرەرسىنىڭ بىر كۈندە ئوخشاش بىر يەردىن ئىككى قېتىم ئۆتشىمۇ ئۇنىڭ سوراق قىلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان رەسمىي ۋە ياللانما ساقچىلارنىڭ سەۋەپسىزلا كىشىلەرنى تەكشۈرۈش، تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئىمتىيازى بار. كوچا-كويلاردا، تۈرمە ۋە تەربىيلەش لاگىرىلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن يېقىنىلىرىڭىزنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىشىڭىز، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ جەسىتىنى تىببىي تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىشىڭىز، ۋە جىنازىسغا يىغلىشىڭىزمۇ جىنايەت. كىمنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشىدىن تارتىپ، قانداق كىيىم كىيىشى، نېمە ئۈگۈنىشى ، قانداق ئويلىشى، نېمىگە ئىشىنىشى، ئاياللارنىڭ قانچە بالىلىق بولىشىغىچە دۆلەت قارار بىرىدۇ. بويىغا يەتكەن ئەرلىرى قول ئېلىنغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئائىلىلەرگە، سىياسەت ئۆزى تاللىغان دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى پەرقلىق بولغان خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.
زۇلۇم ۋە دەھشەتلىك باستۇرۇشلار بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئىشغال
ياق، بىز بۇ يەردە جورج ئورۋەللىنڭ «1984»ئىسىملىك رومانىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنونىڭ يىڭى بىر نۇسخىسى ھەققىدە توختىتىلىۋاتقىنىمىز يوق. دەۋاتقانلىرىمىز دەل مۇشۇ زاماندا يەنى 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارەكىدە، 70يىلدىن بۇيان قىزىل خىتاينىڭ ئىشغالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستان زېمىنىدا يۈز بەرمەكتە بولغان ئىشلار. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىش، مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتى1760- يىللاردىكى تۇنجى مانجۇ ئىستىلاسىدىن بىرى داۋاملاشماقتا. شۇ تارىختىن ئىتىبارەن شەرقى تۈركىستاندىكى تۈركلەر ۋەھشى قەتلىئاملارغا، زۇلۇملارغا، ئاسلىملاتسىيەلەرگە دۇچ كەلگەن، ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆز تۇپراقلىرىدىن سىرت تۇپراقلاردا ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغان، باشقا دۆلەتلەرگە قىچىشقا مەجبۇر قىلىنغان.ۋە بۇ مىليونلارچە مۇسۇلمان تۈرۈكلىرىنىڭ ئورنىغا خەن مىللىتىدىن بولغان خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ رايۇننىڭ نوپۇس نىسپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۆزگۈرۈش شۇ قەدەر چوڭ بولغان ئىدىكى، بىر زامانلاردا پەقەتلا تۈرۈكلەر ياشىغان بۇ تۇپراق،يەنى 1953- يىلى ئۇيغۇرلار %75 بولغان نوپۇس نىسبىتى 2000-يىلىغا كەلگەندە % 40گە چۈشكەن، خىتايلارنىڭ نوپۇسى بولسا %6دىن %45 گە چىققان. بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ئوقىغان ھەر يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ سەكسىنى، مەمۇرى خادىملىرىدىن ھەر يۈز كىشىنىڭ سەكسىنىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، تۈرك نوپۇسلىرىنىڭ تىخىمۇ ئازايغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە سىتراتىيەگىلىك ئورنىنىڭ موھىم بولۇشى سەۋەبىدىن، خىتايلارنىڭ بۇ رايۇننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ۋەھشى قەتلىئاملارنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندىكى تۈركلەرگە قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشتا باش رول ئويناۋاتقان خەن مىللىتىنى ئايرىم چۈشىنىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.
خەن مىللىتى-خانلىقلار دەۋرىدە، گومىنداڭ دەۋىر سۈرگەن مەزگىلدە، ماۋ ۋە كېيىنكى دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان ئىتونوگىراڧىيەدىكىخىتاي تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن بىرگە، تۈرك دۈشمەنلىكىنى يۈرگۈزۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر تەرپىدىن ئويدۇرۇلغان، كىلىش مەنبەسى بولمىغان، ئەسلى يوق بىر مىللەتتۇر.
خەن سۇلالىسى خىتاينىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئۇزۇن دەۋىر سۈرگەن بىر سۇلالىسىدۇر.خىتاي تارىخىدا ئەڭ پارلاق دەۋرىنى بارلىق كەلتۈردى دەپ قارىلىدىغان بۇ سۇلالىنى تۈركلەر يېقىتقان ئىدى.ماۋنىڭ » خەن مىللىتى خىتاينڭ ئەڭ ئاساسى مىللىتىدۇر «دېگەن سۆزىگە ئاساسەن بۈگۈنكى ختايلارنىڭ %90تى ئۆزىنى خەن مىللىتى دەپ قارايدۇ.خەن مىللىتى سۈپۈتىدە ھاكىمىيەتتە ئىمتىيازلىق، چېقىلغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كەلگەن خىتايلارشوۋىنستلىك چۈشەنچە بىلەن تۈركلەردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يولى كەلسە تۈركلەرگە ھەرقانداق زۇلۇمشەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
يىراقلادار قەدىمىي بىر تۈرك يۇرتى بار…
شەرقىي تۈركىستان خەلقى،رەھىمسىزلىك قېن-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ، ھېچ بىر ئىنسانىي ئۆلچەمنى بىلمەيدىغان خىتايلارنىڭ تالان-تارىجى بىلەن 300 يىلدىن بۇيان يالغۇز ئېلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 300 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارغا بىزلەرمۇ پۈتۈن دۇنياغا ئوخشاش تىلىمىزنى باغلىۋالدۇق، كۆزىمىزنى ئېتىۋالدۇق، قۇلىقىمىزنى يوپۇرىۋالدۇق.خەرىتىدىكى شەكلى ئانادولىنى ئەسلىتىدىغان بىر يېرىم مىليۇن كىلومېتىرلىق قەدىمى تۈرك يۇرتى كۆزىمىزدىن يىراق بولغىنىدەك كۆڭلىمىزدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ۋە ھەتتا ئۇنتۇپ كەتكىلىمۇ تۇرغاندەك قىلىمىز.
بىر زامانلاردا بۇ تۇپراقلاردا كۆپلىگەن تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ سەلتەنەت سۈرگەنلىكىنى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك خاقانى ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇ تۇپراقلاردا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلىدىغانلىرىمىز تولىمۇ ئاز.شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلانغان مۇستەملىكىگە قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەشقىلغانلىقى، بۇ يولدا مىليۇنلارچە ئىنسانلارنىڭ شەھىد بولغانلىقى، ئۈچ قېتىم دۆلەت قۇرغانلىقى تارىخى كىتاپلىرىمىزغا كىرگۈزۈلمىگەن.شۇنچىۋالا قەتلىئاملارنىڭ بولىشىغا قارىماي، ھازىرمۇ ئۈچ مىڭ يىللىق بۇ تۈرك يۇرتىدا ئەڭ ئاز 25 مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ، بىر مىليۇندىن كۆپ قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆپۈنچىمىز بىلمەيمىز. خىتاينىڭ سىرتقى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلىغان بۇ رايۇندا، نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇشنىڭ ئىمكانسىز بىر ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق.لېكىن بۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلارنىڭ دات-پەريادلىرىغا بولسىمۇقۇلاق سېلىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ، بولۇپمۇ 2016- يىلى8- ئايدىن كېيىن، خىتايلار تەرىپىدىن ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار بىلەن تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلغان ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ «جاسۇسلۇق تەجرىبىخانا»سىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلىۋاتقانلىقى ئەسلىدە پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم. دۇنيا رەھبەرلىرى، شەرقي تۈركىستاننىڭ ئاللىقاچانخىتايلارنىڭ «زۇلۇم» پىلانلىرىنى تۈزىدىغان، ئەمەلىلەشتۈرىدىغان بىر جاي بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ زېمىندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆرۋاتقان كۈنلىرىنىORWELLنىڭ Okyanusyaسىغا رەھمەت دېگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. لېكىن مەسىلىنى، ئىنسان ھوقۇقلىرى نوقتىسىدىن قاراپ ھەل قىلىش ئورنىغا، شەرقي تۈركىستاننى ئۆزلىرى بىلەن خىتاي ئارسىدىكى ئىقتىساد –سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشىنىڭ كوزۇرغا ئايلاندۇرۋالدى. ئامېرىكا باشچىلقىدا گىرمانىيە، ڧىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىئاسپورالىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە، سۆزدە ياردەم قىلىش، بۇ ئىشقا ئىگە چىقىش دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي بازارلىرىغا سەلدەك ئېقىۋاتىدۇ.
غەرب دۇنياسىنىڭ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان زۇلۇملارنى ئامال قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ھالىتىدە تاشلاپ قويىشىدا، شەرقي تۈركىستان سىرتىدىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭتۈلكە ئېغىزىدىكى ئۇيغۇرلارنى يولۋاسنىڭ ئالدىغا قىستىشىدەك پوزىتسىيەسى ئەڭ چوڭ رول ئوينىماقتا، ئەلۋەتتە.تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئىنسانىيەت جىنايەتچىلىرىگە ئاۋاز چىقارماسلىقى، شەرقي تۈركىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بىرۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمىۋالغانلىقى سەۋەپ بولغان. بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق جىمجىت، قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاشتىن قىچىپ، بۇ زۇلۇملارغا كۆز يۈمىۋىلىپ تۇرۇشىمىز، خىتاينىڭ بۇ زېمىندىكى زۇلۇمنى كۈچەيتىشىگە سەۋەپ بولماقتا.
«سۆگۈت«تە ئوسمانلار ئەجدادلىرىنى ياد ئەتكەن دوستلار…
تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى قەھرىمان ماراش تارمىقى ھەيئىتى، يەنى پىكىر ۋە قەلب بىرلىكى تەلىم –تەربىيەسى ئىلىپ بېرىلغان دۇككان ساھىبى 737-قېتىملىق ئەرتۇغرۇل غازىنى خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن «سۆگۈت»تە جەم بولدى.
ئەلى يۇرتگەزەن ئۇستازىمىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ قەبرىسىنىڭ يىنىدا ھازىر بولۇشتى. نەزاكەت كۆسە ئوغلىنىڭ » ئەرتۇغرۇل غازىغا خەۋەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىكى مۇنۇ جۇملىلەر يۈرەكلىرىنى تىلغۇدەك تەكرار تەكرار ئوقۇلدى: «….قەبرەڭگە قاراشقا يۈزىمىز، ھالىمىز قالمىدى. سەن «سۆگۈت»تە چىدىرلارنى قۇرغىنىڭدا بىز مىللەت بۇ ھالدا ئەمەس ئىدۇق غازىمىز! يىللار كەچتى، مانا بۈگۈن نۇمۇستىن قەبرەڭگىمۇ قارىيالمايۋاتىمىز».
بىلەجىك مەركىزىدە، شەيخ ئەدەبالى ھەزىرەتلىرىنىڭ مازارلىقىدا، مۇبارەك » قۇرۇلۇش» كۈنىنى ياد ئېتىپ دۇئالارغا قول كۆتۈرۈلدى.ئورخان گازى مەسجىدىمۇ زىيارەت قىلىندى.كېيىن، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، شەيخ ئەدەبالى ھەزىرەتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئوسمان غازى ھەزىرەتلىرىنىڭ يىقىن ھەمراھى تۇرسۇن ڧاكىنىڭ تۆپىلىكتىكى مازارلىقىنى زىيارەت قىلىشتى.
ئەجدادلارنىڭ تارىخى بىلەن قەلبلەر، دىماقلار كۈچلۈك بىر ھاياجان تۇيغۇسىغا چۆمگەن ئىدى. بۇ تۇيغۇلار بىلەن، «گۆينۈك»كە دەپنە قىلىنغان ئاق شەمسىددىن ھەزرەتلىرىنىڭ ۋە ناللىخانغا تەۋە ئەمرەم سۇلتان يىزىسىدىكى تاپدۇك ئەمرەم ھەزرەتلىرىنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ دۇئالار قىلىندى. قەلىبلىرىنىڭ شىپا تاپقىنى، سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى…..نېمىدېگەن بەخىتلىكلەر ئۇلار!