ختتاي ئافغانستان تالىبانلىرى بىلەن مەخپى ئۇچراشتى

(ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى -ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەلقئارالىق ھۈججەتلەر،ھۆكۈمەت باياناتلىرى،بىتەرەپ تەتقىقات دوكلاتلىرى ،نوپۇزلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئەينەن ھالدا تىللار ئارا ھەقسز تەرجىمە قىلىپ چەتئەللىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا سۇنىدۇ،خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە دائىر مەسللەرنى ئۆز ئەقلى بويىچە چۈشىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ )

ختتاي ئافغانستان تالىبانلىرى بىلەن مەخپى ئۇچراشتى

ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى

ۋاقتى:2018-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئاپتورلىرى:فارخان بۇخارى (ئسلامئاباد )، كىران ستارىس (يېڭى دېھلى )، ئەمىلى فىڭ (بېيجىڭ)

ئەنگىلىيە ۋاقىت گېزىتى ئورگان رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى

ئۇيغۇر ئاگېىنىتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

(ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى -ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەلقئارالىق ھۈججەتلەر،ھۆكۈمەت باياناتلىرى،بىتەرەپ تەتقىقات دوكلاتلىرى ،نوپۇزلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئەينەن ھالدا تىللار ئارا ھەقسز تەرجىمە قىلىپ چەتئەللىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا سۇنىدۇ،خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە دائىر مەسللەرنى ئۆز ئەقلى  بويىچە چۈشىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ )

 

سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان پاكستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرشىچە،ختتاي تالىبان بىلەن ھەمكارلىششقا تىرىشقان بولۇپ،17 يىللىق ئافغانستان توقۇنۇشنى ئاياقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

پاكستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئەنگىلىيە <<پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى>>گە بىلدۈرىشچە،ختتاي ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن بىر يىلدىن بىرى ئافغانستان تالبانلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ،ختتاي ھۆكۈمىتى 17 يىل سوزۇلغان ئافغانستان توقۇنۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك مۇھىم رول ئويناشنى ئۇمىد قىلغان.

بۇ يېغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان پاكستانلىق ئەمەلدارنىڭ بىلدۇرۇشچە،بېيجىڭ تەرەپ تالىبان بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان ،ھەتتا مەزكۇر ئسلام تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ختتايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپارغان.

مۇناسۋەتلىك ئاساسى دوكلاتنى ئاڭلىغان پاكستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۇرۇشىچە ،<<ختتاي تەرەپ بۇ قارارلارنى ناھايتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن چىقارغان >>.پاكستان ئسلامئاباد تەرەپ تالىبان تەرەپنىڭ ۋاستىچىسىلىق رولىنى ئۆتىگەن بولۇپ،ختتاي ۋە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۇچرىششىغا ياردەم قىلغان.

بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۇرىشچە ،<<بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان تالىبانلار بىر مەسجىدنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى،ئۇلار ئۇ يەردە مۇسۇلمانچە تاماقلارنى يېىدى >>.

<<ختتاي تەرەپ يېقىنقى مەزگىللەردىن بىرى ئىزچىل تالىباننى سۆھبەتكە چاقىرىپ كەلگەن،بىراق بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسى مەقسىدى ،ختتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا غەمخورلۇق قىلىش جەھەتتىكى ئىلگىرلەشلىرى ۋە كەڭ قورساقلىقىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت >>

بېجىڭدە،ختتاي تاشقى ئشلار منستىرلىكى بۇ سۆھبەتلەرنى ئىنكار قىلمىدى،بىر باياناتچى مۇنداق دىدى :<<ختتاي تەرەپ ئافغانستانلىقلار يتەكچىلىك قىلىدىغان،ئافغانستانلىقلار ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان >>ئافغانستاننىڭ تىچىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسنى قەتئى قوللايدۇ،ئافغانستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرستىپ،تىزراق سياسى يارىششنى ئشقا ئاشۇرۇشنى ،شۇنداقلا داۋاملىق قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك رول ئۆتىشنى قوللايدۇ.

ئەنگىلىيە <<پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى >>ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلغان خەۋەردە،ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ئۇچ ئاي ئىچىدە تالىبان تەرەپ بىلەن  ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم ئۇچراشقان،ئامېرىكا تەرەپ ئىلگىرى <<ھەر قانداق تىچلىق سۆھبىتى ئافغانستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك >>دەپ چىڭ تۇرغان.ئامېرىكىنىڭ بۇ سۆھبەتلىرى تالىبان ئشخانا تەسس قىلغان قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،بۇلار ئامېرىكىنىڭ ئافغانستاندا تالىباننى مەغلۇپ قىلىشقا يتەرلىك ھەربى ھەرىكەت ئىلىپ بارمايدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.

ئافغانستاننىڭ كەلگۈسى بىلەن ئالاقىدار بۇرۇنقى تىچلىق سۆھبەتلىرىدە ،ختتاي ھۆكۈمىتى مۇھىم رول ئوينىيالمىغان ،پەقەت كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 2015-يىللىق تىچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ،ئۇ قېتىملىق سۆھبەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.

بىراق يېقىنقى مۇناسۋەتلىك جەريانلارغا قاتناشقان ئەمەلدارنىڭ ئەنگىلىيە <<پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى>>گە ئىيتىپ بىرىشچە،ختتاي ئەمەلدالىرى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلاردىن چوڭقۇر ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەن.ئۇلارنىڭ دېيىشچە،بېيجىڭ تەرەپ تالىبان بىلەن ختتاينىڭ شنجاڭ رايونىدىن قېچىپ چېقىپ ئافغانستان چىگراسى ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسلىسنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بىرى،ختتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلارنى كۈچەيتكەن بولۇپ،ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتە مۇستەقىللىق ئىدىيسنى ئىپادىلىگەن.يۇز مىڭلىغان كىشى قانۇننىڭ سرتىدا قامالماقتا،يەنە بىر قسم كىشلەر چىگرىدىن ئافغانستانغا كىرگەن بولۇپ،بېيجىڭنىڭ قارىشچە ،بىر ئۇلارنىڭ بىر قسمى  ئافغانستاندىن ختتاي چىگراسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ختتاينىڭ ئامېرىكا ياكى ئافغانستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەس،تالىبان بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىششى ختتاينىڭ جەنۇبى ئاسيا ۋە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ گىئوپولىتىكىسغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىۋاستە كۆرستىدىكەن.

بيجىڭ پاكستاندا ئاللىقاچان ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ھالەتكە كىلىپ بولدى،ھازىر 60 مىلىيارد دوللار مەبلەغ سىلىپ ،پاكستاننىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى ۋە بۇنى پاكستانىنىڭ جەنۇبىدىكى دىڭىز رايونى ئېغىزى گىۋادار پورتىنىڭ ئشلىتىش ھوقۇقىغا تېگىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا ،ختتاي كۆپ قېتىم پاكستانغاياردەم بەرگەن بولۇپ،ئسلامئاباد تاشقى پۇل زاپىسى قۇرۇقدىلىپ جىددى تولۇقلاشقا مۇھتاج بولغاندا ،ختتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت قوللايدىغان بانكىلىرى ئارقىلىق قەرز بەرگەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ماركۇ رۇبىئو: ختتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

جۈ ئاۋغۇست 10 , 2018
ماقالە ئۇچۇرلىرى: ئاپتورى :ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پارلامنىت ئەزاسى ،ختتاي كومىتىتى رەئىسى ،جۇمھۇرىيەتچى ماركۇ رۇبىئو

You May Like