تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-ئېيۇل
ياپونىيە نىككى ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تۈركىيە پارلامنىتى –ختتاي تاشقى ئشلار منستىرى ۋاڭ يى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش ئالدىدا، تۈركىيە پارلامنىتى كىشلىك ھوقۇق كومېىتىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسان ھەقلىرى مەسلىسنى مەخسۇس تەكشۈرىدىغان بىر كومېىتىت قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسنى رەت قىلدى.
مەزكۇر لايىھە–ئنسان ھەقلىرى كومىتىتى ئەزاسى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچى سياسى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە پاكىت توپلاش قانۇنى مەسئۇلىيتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى –مەزكۇر كومېتىت رەئىسى ھاكېمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ئەزاسى دەريا يانىك تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.ئۇ مۇنداق دىگەن: ئۇنداق بىر ئايرىم كومېىتىت قۇرۇشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.بىزدە «ئسلامغا قارشى تۇرۇش ۋەئىرقچىلىق كومىتىتى بار، تۈركئوغلۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسللەرنى شۇ كومېىتتا مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.»