ئالىملار 1 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى تەركىبىدە ئوكسىگېن كۆپۈكچىسى بولغان «تاشقاتما» نى بايقىدى

ئالىملار 1 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى تەركىبىدە ئوكسىگېن كۆپۈكچىسى بولغان «تاشقاتما» نى بايقىدى

  ، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى. دانىيە ۋە شىۋېتسىيە ئالىملىرى ھىندىستاندىن قېزىۋېلىنغان قاتلانما تاشتىن 1 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوكسىگېن كۆپۈكچىسى ئىزىنى بايقىغان، بۇ ئوكسىگېنلارنى تېيىز سۇدا ئۆسىدىغان كۆك يۈسۈن پەيدا قىلغانىكەن. قاتلانما تاش بولسا بىر خىل ئىنچىكە قەۋەتسىمان قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان ئالاھىدە تاغ جىنسى، قەدىمكى باكتېرىيە پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورگانىك ماددا ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ چۆكۈشىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى مىكرو ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى «تاشقاتما» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئالىملار «گېئوبىيولوگىيە» ناملىق ژۇرنالدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ قاتلانما تاش ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن بايقالغان، تەركىبىدە  دىيامېتىرى 1 مىللىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان زور مىقداردىكى گاز كۆپۈكچىلىرى بار، بۇلارغا ئاپاتىت مىكرو زەررىچىلىرى ئارىلاشقان، تەھلىل نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلار كۆك يۈسۈننىڭ تۇرمۇش ئىزناسى ئىكەن. كۆك يۈسۈن يەنە كۆك باكتېرىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر تۈرلۈك تارىخى ئۇزۇن بولغان يەككە ھۈجەيرىلىك ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىق بولۇپ، فوتوسېنتىزلاش رولى بار، ئوكسىگېن ئۇلارنىڭ مېتابولىزم كېرەكسىز چىقىرىندىلىرى ھېسابلىنىدۇ. باكتېرىيە پەيدا قىلغان يېپىشقاق ماددا بەزى چاغلاردا ئوكسىگېننى ئورىۋېلىپ گاز كۆپۈكچىسى پەيدا قىلىپ، تاش ئارىسىدا ئىز قالدۇرىدۇ. كۆك يۈسۈن يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئەڭ دەسلەپتە ئوكسىگېن يوق ئىدى، تەخمىنەن 2 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، يەر شارىنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن، يەنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھايۋانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئادەتتە بۇ قېتىملىق «ئوكسىگېن ھادىسىسى»دە كۆك يۈسۈنغا ئوخشاش فوتوسېنتىز رولىغا ئىگە جانلىقلار ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان، دەپ قارايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئالىملار: 2036-يىلى بىر سەييارە يەر شارىغا سوقۇلۇپ «غايەت زور ئاپەت» كەلتۈرىدۇ

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئالىملار: 2036-يىلى بىر سەييارە يەر شارىغا سوقۇلۇپ «غايەت زور ئاپەت» كەلتۈرىدۇ

You May Like