شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىدىكى ئامېرىكا- خىتاي رىقابىتى

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىدىكى ئامېرىكا- خىتاي رىقابىتى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 5-ئاۋغۇست

ئارمان

4-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى توردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «11- نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا رەھبەرلىرى يىغىلىشى» نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ، شۇنداقلا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قانۇنسىز كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ سۆزگە چىقىپ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى «خىتايغا قارا سۈركىدى» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: » ئويلىغىنىمىزدەك ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر مۇشۇ يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزدى، ھەمدە قارا سۈركىدى. شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان. ت) ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىدۇر، سىلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يالغان بەتناملار بىلەن بىزگە قارا چاپلاۋاتىسىلەر، سىلەر ھازىر ئاتالمىش ئەندىشەڭلارنى ئىپادىلەۋاتىسىلەر، نېمىگە ئەندىشە قىلىسىلەر؟ خوڭكوڭنىڭ يەنە قايتىدىن قالايمىقانچىلىققا پېتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ خوڭكوڭ مۇستەقىل كۈچلىرىنىڭ قايتىدىن كوچىلارغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟ مەن بۇ يەردە سىلەرگە ئېنىق قىلىپ شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بۇنىڭدىن ئۈمۈدۈڭلارنى ئۈزۈڭلار، بۇ كۈنلەر ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، بۇ سىلەرنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭلار!».

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن:» ئانتونى بلىنكېن بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، قانۇنسىز كېڭەيمىچىلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىدى، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا ياكى خىتايدىن بىرىنى تاللاپ تەرەپ تۇتۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ زومىگەرلىك بىلەن تۇتقان سىياسەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكا يەنىلا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە، ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىق».   

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئوبزور: تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلىنىڭ«مۇستەقىللىق ھەرىكىتى-ئۇيغۇر دەۋاسغا زىيانلىق»ماقالىسگە رەددىيە

جۈ ئاۋغۇست 6 , 2021
تاشقى مۇناسۋەت ژۇرنىلى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسۋەت ۋە سياسەت ژۇرنىلى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق سياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسلەر توپلاشقان ياكى دىققەت قىلىدىغان مەنبەلەردىن بىرى.مەزكۇر ژۇرنال-ختتايغا قارشى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ،ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ ماقالە ئىلان قىلغان مىديالاردىن ھسابلىنىدۇ.

You May Like