ھېچكىممۇ ئۆلۈم ئالدىدا نېمە ئىش يۈز بېرىشنى بىلمەيدۇ، بەلكىم سىزنىڭ ھايات ۋاقتىڭىزدىكى شانلىق ۋە نومۇسسىز ئىشلىرىڭىز بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىڭىزدىن ئۆتۈشى مۇمكىن ۋە ياكى تۇيۇقسىز چوڭقۇر مەنىلىك كۆز-قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندە سەككىز داڭلىق شەخسنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەسىيىتىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ. 1. شۇنداق، راستتىنلا بولمايدۇ 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جون كېننىدى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئايالى بىلەن تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى ۋە بىرىنچى خانىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئارىسىدا كېتىۋاتاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئىشتات باشلىقىنىڭ خانىمى كۆز ئالدىدىكى قىستىلىپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «سىز ھەرگىزمۇ داللاس خەلقى مېنى قىزغىن قارشى ئالمىدى دېسىڭىز بولمايدۇ.» «شۇنداق، راستتىنلا ئۇنداق دېسەم بولمايدۇ.» زۇڭتۇڭ ناھايىتى قىسقىلا جاۋاب بەرگەن، ئۇنىڭ گېپى ئەمدىلا تۈگىشىگە، زۇڭتۇڭ كېنىدىغا ئوق تەگكەن. دېگىنىڭىز توغرا، مەن بۇ دۇنيادىن كېتىشىم كېرەك. مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن. ھەممىمىزگە ئايانكى، مايكول لوندون «كىچىك كەپە ئۆي» فىلىمدە ناھايىتى مېھرىبان دادىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە رېئال تۇرمۇشتا ئۇ پەقەت ئائىلىدىكى ئاددىي ئەر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مايكولنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئايالى ۋە توققۇز بالىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئايالى بىلەن بىردەم يالغۇز قېلىشنى تەلەپ قىلغان. 1991-يىلى راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. مېنىڭ فىلورىدا ئەتىرىم 1989-يىلى ئايال كومېدىيە ئارتىسى لۇسىلى بال (Lucille Ball) يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغاندىن كېيىن، ئارتېرىيە يېرىلىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، قازا قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ ئەتىرىنى سورىغان ئىكەن. سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس ئېلۋىس (Elvis Presley) ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى قىلغان. 1986-يىلى 8-ئايدا دورىنى ئارتۇق مىقداردا يېگەنلىك سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە قازا قىلغان. مەلۇم بىر ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، ئېلۋىس قازا قىلىشتىن ئىلگىرى ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى سۆزىدە ئايالىغا بۇنىڭدىن كېيىن مۇنچىدا ئۇخلىماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىكەن. ئاخىرى مارىلىن مونرونى كۆرەلەيدىغان بولدۇم بىزگە مەلۇم، جوۋ (Joe Dimaggio)نىڭ دېمەكچى بولغىنى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى مارىلىن مونرو. ئۇ 1962-يىلى يەنى جوۋدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن قازا قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مارىلىن قازا قىلغاندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە جوۋ ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئەتىرگۈل ئاپارغان. 1999-يىلى ئۆپكە راكى بىلەن قازا قىلغان. بۈگۈن كەچ مەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىمەن بۇ ناخشىچى ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ئۇ دۇنياغا كېتىشىنى بىلىپ، ۋاسىتىچىسىگە ۋەسىيەت قالدۇرغان. 2006-يىلى جامېس بروۋىن يۈرەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن قازا قىلغان. ھاياتىم ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ھەر بىر ھاياتلىقتىن ھوزۇرلاندىم. 1959-يىلى ئېررول (Errol Flynn) يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ قازا قىلىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى قايغۇلۇق بىر جۈملە سۆز قىلغان. كۈلۈشنى، شۇنداقلا يىغلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئارتىس ئالتە بوتۇلكا ۋىسكى ھارىقى بىلەن بىرلىكتە دەپنە قىلىنغان. 8. مەن ئەسلى شوتلاندىيە ۋىسكىسىدىن مارتېن ھارىقىغا يۆتكەلمىسەم بوپتىكەن 1957-يىلى «شىمالىي ئافرىقا جاسۇسى» فىلىمدىكى ئەر ئارتىس خامفرېي (Humphrey Bogart) ئاشقازان راكى بىلەن قازا قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئېيتقان ھەقىقىي ۋەسىيەت سۆزى ئايالىغا ئېيتىلغان بولۇپ، مۇنداق دېگەن:«خەير-خوش بالىلىرىم، تېزراق قايتىپ كېلىڭلار»، ئەينى ۋاقىتتا ئايالى ئۇنىڭدىن بىردەملىك ئايرىلىپ، بالىلارنى مەكتەپتىن ئەكەلگىلى كەتكەن ئىكەن.
داڭلىق شەخسلەرنىڭ مەشھۇر ۋەسىيەت سۆزلىرى
داڭلىق شەخسلەرنىڭ مەشھۇر ۋەسىيەت سۆزلىرى