بۇنىڭدا دېيىلگەن مەزمۇنلار بۇگۇنكى كۇندىكى مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە،ئەقىللىق خانىم-قىزلار ئۇچۇن ئارتۇقچە بولۇشى مۇمكىن،ئەمما باشقىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ، نۇرغۇن ئەرلەردە يەنە مۇنداق بىر خىل ئىدىيە بار: سىلەر ئاياللار راستىنلا بەك ئەركە! ناھايىتى شۇ ئۆيدە بالا باقىسىلەرغۇ؟ بالا بېقىش نېمىدىگەن ئاسان-ھە! سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىشمۇ ھاجەتسىز، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمىشقا يەنە كۈن بويى غەمكىن يۈرۈپ، بىز ئەرلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىسىلەر؟
ئەمەلىيەتتە ئائىلە ئايالى بولۇش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق بىر خىزمەت، قارىماققا ئىشلىمەيدۇ، لېكىن ھەر كۈنى 24 سائەت جىم تۇرمايدۇ، كۆزىنى ئاچقاندىن باشلاپ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ياخشى قىلسا كېرەك يوق، ئازراقلا قىلالمىسا يەنە ئەرلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە نارازى بولۇشىغا ئۇچرايدىغان گەپ، ئايال بولۇش نېمىدېگەن تەس-ھە!
نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايرىلىش سەۋەبىنى ئاياللاردىن كۆرىدىغان بولۇپ، ئاياللار بەك پۇلغا ئامراق، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر ئايالنىڭ سىز بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش ئىرادىسىگە سەل قارىماڭ، ئۇ ئۆي، ماشىنا، پۇل بولمىسا سىزنى قوبۇل قىلالايدۇ، لېكىن سىزدە ھېچقانداق ئۈمىدنى كۆرەلمەسلىكنى قوبۇل قىلالمايدۇ. پۈتۈن كۈن گەپ ئېغىزىدىلا بار، لېكىن ئەزەلدىن ھەرقانداق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان ئەرگە ھېچقانداق ئايال ئەگىشىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئاياللار ھەم پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامدايدۇ ھەم گۈلدەك چىرايلىق، ئەگەر تاپقان ئەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش روھى يوق بولسا، بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئۆتۈشىڭىز ئۆزىڭىزگە تام قوشۇش ئۈچۈنلىمۇ؟
شۇڭا نىكاھ تۇرمۇشىدا، توي قىلغان ئەرنىڭ پۇلى قانچە كۆپ پۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاياللار بۇ يەتتە جۈملە سۆزنى چوقۇم ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئەرلەرنىڭ بىر ئۆمۈر چوڭ كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ!
-
مۇھەببەتنى بارلىقىم دەپ قارىماڭ، بىر ئەرنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلىماڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە ناچار مۇئامىلە قىلغان چاغدا، سىزنىڭ راستتىنلا ھېچنېمىڭىز قالمايدۇ، شۇڭا مۇھەببەتتە ئاياللار باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئويلاپ قويغىنى ياخشىراق.
2. ئەرلەرنىڭ قەسىمىگە تولۇق ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ قەسىمى خۇددى ئىككىنچى ۋە سەككىزىنچى ئاينىڭ ھاۋاسىغا ئوخشايدۇ، ئۆزگىرىمەن دەپلا ئۆزگىرىدۇ، ئاياللار يەنىلا ئۆزىگە تايانسا بىر قەدەر بىخەتەر.
3. نەتىجىسىنى كۆرەلمىگەن مۇھەببەتكە نىسبەتەن، كەسكىن ۋاز كېچىش، زىيادە ئۇزۇن سوزماسلىق لازىم، چۈنكى داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش، ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق.
4. مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن، ئاياللارنىڭ خىزمىتى بولۇشى كېرەك، بۇ خىزمەتنىڭ مائاشى ئۇنچە يۇقىرى بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى ئۆزى باقالايدىغان بولۇشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا يولدىشىڭىز ۋە قېيىنئاتىڭىز سىزنى چوڭ كۆرىدۇ.
5. ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىدىغان ئەرگە نىسبەتەن، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى قوللىنىڭ، ئۇ سىزنى بىر قېتىم ئۇرسا، چوقۇم يەنە سانسىز قېتىم ئۇرىدۇ، ئۇنى ئۆزۈم ئۆزگەرتەلەيمەن، دەپ ئويلىماڭ، بۇ مۇمكىن ئەمەس.
6. دائىم باشقىلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلماڭ، قارىغۇلارچە بەسلىشىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلماڭ، نىكاھ تۇرمۇشىدا سۇنىڭ سوغۇقلۇقىنى ھەممە ئۆزى بىلىدۇ، تۇرمۇشتا ئەڭ قورقىدىغان ئىش دەل سېلىشتۇرۇش، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم.
7. مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئاياللار ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، كۈن بويى يېمەي-ئىچمەي، ھەتتا تۈزۈكرەك كىيىممۇ يوق يۈرۈش، سىزنىڭچە بۇ ئىقتىسادچىللىقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاخىرىدا سىز شۇنى بايقايسىزكى، سىز تېجەپ قالغان پۇللارنى ئەرلەر باشقا ئاياللارغا سەرپ قىلغان بولىدۇ.