ئىسرائىلىيە: ئىران يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى

ئىسرائىلىيە باش مېنستىرى نېيتانياخۇ 1-ماي سەھەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مېنستىرى نېيتانياخۇ  1-ماي سەھەردە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئىراندا ئېرىشتى دېيىلگەن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار ئارخىپ ھۆججىتىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئىراننى 2015-يىلى «ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم» ئىمزالانغاندىن كېيىنمۇ يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

نېيتانياخۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى پىلانىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنىڭ 55000 بەتلىك قوشۇمچە نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈردى، بۇ يېڭى تولۇق ئىسپاتتا ئىراننىڭ 2015-يىلى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ھالدا يادرو قورالى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، يادرو قورالى تۈرىنى ناھايىتى مەخپىي جايغا يۆتكىگەنلىكى، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئۇزارتىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

سە ماي 1 , 2018
1.تۈركىيە: 19-ئەسىردە، يەنى 1812-، 1829-،1878-يىللىرى روسىيەدىن ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان. گىرېتسىيەلىكلەر 1827-يىلى تۈركىيەنى يېڭىپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن. مىسر 1832-، 1839-، 1840-يىللىرى تۈركىيەنى مەغلۇپ قىلغان. 1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە تۈركىيە، ئىتالىيە، گىرېتسىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە ئالبانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا يېڭىلگەن.

You May Like