ئاپتورى: مۇھەممەت يۈسۈپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-06
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاغرىنىش ۋە قېيىداش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز دەيدۇكى، «تۈركىيە خەلقى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ۋەتنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۇلارنىڭمۇ ئاتا يۇرتى. ھازىر ۋەتەندىكى زۇلۇمنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلمەيدۇ ئەمەس، نېمە ئۈچۈن زالىم خىتايغا ‹توختا!› ياكى ‹بىر مىنۇت› دېگەن سۆزنى دېيەلمەيدۇ؟ تۈركىيەدىكى تۆت مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەن تۇرۇقلۇق، يۈز مىڭغا يەتمەيدىغان ئۇيغۇرلارغا شۇ ئىمتىيازنىڭ ئوندىن بىرىنى بەرسە بولمامدۇ؟». بۇ ئاغرىنىش ۋە قېيىداشنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق بولماقتا. ئەمما بىز بۇنى ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى سۆز – ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا چىرايلىق يەتكۈزسەك ئەڭ توغرا بولىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاق پارتىيەگە قارشى بەزى پارتىيە مەنسۇپلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم توغرۇلۇق ناھايىتى ياخشى ۋە سەمىمىي سۆزلەرنى قىلغانلار بار. جانابى ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئەمما ئاق پارتىيەنى ئەيىبلەپ، «ئۇنى قىلمىدى، بۇنى قىلمىدى» دېگەنلەرنىڭ تولىسى ئەگەر ھۆكۈمەتكە چىقىپ قالسا، ھازىر ئاق پارتىيە قىلغان ياخشىلىقلاردىن ئوندىن بىرىنى قىلماسلىقى ياكى قىلالماسلىقى مۇمكىن. ھۆكۈمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدۇ. ئەمما ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ. بىز بىزگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئاق پارتىيەگە قارشى گەپ _ سۆز ياكى ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. چۈنكى قايسى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاق پارتىيەنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق ئەركىنلىكى بار. ئەمما ئاق پارتىيەگە قارشى پارتىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاق پارتىيەگە ھۇجۇم قىلىش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قەتئىي ياخشى ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى بىز ئوتتۇرىدا تۇرۇشىمىز، بىر پارتىيەنى ماختاپ، يەنە بىر پارتىيەنى سۆكمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە جاي بەرگەن ۋە بىزنى قوينىغا ئالغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارتىيەلىرىدۇر.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆتۈنىمەن:
1. تۈركىيە دۆلىتىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە تۈركىيەدىكى قانداقلا بىر پارتىيەگە قارشى يازمىلارنى، ئاۋازلارنى ۋە ۋېدىيولارنى تارقاتمايلى، يۆتكىمەيلى، تارقاتقانلارنى ئاگاھلاندۇريلى.
2. باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاق پارتىيەگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنايلى. شۇنداقلا قانداقلا بىر پارتىيەگە ھۇجۇم قىلىش ساقلىنايلى.
3. تۈركىيە دۆلىتى ياكى ھۆكۈمىتى يامان كۆرىدىغان تەشكىلات ۋە جامائەتلەرنىڭ نەشر- ئەفكارلىرىنى تارقىتىپ يۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلەيلى.
4. تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاغرىنساقمۇ، قېيىدىساقمۇ، ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىقىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇلارغا يەتكۈزۈش ۋە نورمال ئىپادىلەش ئارقىلىق قېيىدايلى، ئەمما ئۆكتىچى پارتىيەلەر تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرۇپ قېيىدىمايلى ۋە ئۇلارنىڭ دۇببىقىنى چالمايلى.
5. سۈرىيەلىك مۇھاجىر قېرىنداشلارغا بېرىلگەن ئىمتىيازلارغا قاراپ ھۆكۈمەتتىن قاقشىمايلى. بۇنداق قىلىش ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ توغرا ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى قانائەتلىنەرلىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە تىرىشايلى.
6. ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ تولىسى كۆپتۈرمە ياكى ئويدۇرما نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى ۋە ھەممە نەرسىگە ئىشىنىپ كەتمەيلى.
7. تۈركىيە خەلقىنىڭ نەپرىتىنى ئۆرلىتىپ قويىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرايلى، ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىشقا تىرىشايلى. بىز خەلقتىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايلى، چۈنكى ھۆكۈمەتلەر ئالمىشىپ تۇرىدۇ، سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلق ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، بىز خەلق بىلەن بولايلى.