ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى سەيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

2020-7-17

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە

 

 

 

ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

 

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئورتاقلاشقان تېۋىتتىر ھېسابىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىمىزنى قايتا بىلدۈرۈش، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جىنايەتچىلەردىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىگە دىققەت تارتىش مەقسىتىدە سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتۇق»

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ گوللاندىيە باش ئەلچىسى ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشقان، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە خىتاي كومپارتىيەسگە قارشى مەيدانىنى ئەڭ كەسكىن ئىپادىلەپ كەلگەن دۆلەت ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك خىرىس خىتايدىن ئىبارەت. مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دۇنيانى خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشقا، خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا چاقىرىش بولۇپ قالدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى فەيسبۇك ھېساباتىدا ئېلان قىلىشىچە، سۆھبەت بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بولۇپ، باش ئەلچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بايان قىلغان.
بۇ ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يەككە سىياسىي پائالىيەتچى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئاشكارىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشقا قارشى زور بىرلىك!

پە ئىيۇل 23 , 2020
190 دىن ئارتۇق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سودا ۋە كارخانىلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى. مەزكۇر بىرلىكنىڭ تور بەت ئادرېسىغا :« ئۇيغۇر ئىشچى قۇللۇقىغا خاتىمە!» دەپ يېزىلغان.

You May Like