لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىپھاجى خانىمنىڭ گۇۋاھلىقلىرى فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھ


ئارمان

 

2021-1-14

 

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھار خانىم ئاخىرى پارىژغا قايتىپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ.

 

پارىژغا يېتىپ كەلگەن گۈلباھار خانىم بىر مەزگىللىك پىسخىكىلىق داۋالىنىش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش قاتارلىق جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، بۇ ھەپتە يەنى 2021-يىلى 11-يانۋاردىن باشلاپ فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا گۇۋاھلىق بېرشىنى باشلايدۇ. تۇنجى گۇۋاھلىقى فرانسىيەدىكى كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان «رادىئو فرانسىيە» دىكى رادىئو زىيارىتى بولۇپ، دۈشەنبە ئەتتىگەندە بېرىلگەن بۇ ئاڭلىتىش بىر كۈن ئىچىدىلا فرانسىيە ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە فرانسىيەدىكى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان فرانسىيە 2-قانىلى «ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمەي 3يىل مەھبۇسلۇق ھاياتىنى كەچۈرگەن ئۇيغۇر ئايال» تېمىسدا زىيارەت پروگراممىسى ئىشلەپ، گۈلباھار خانىمنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق سەزگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ. يۇقىردا ئېيتىلغان پروگراممىلاردا گۈلباھار خانىم ئۆزىنىڭ خىتتايغا قايتقان كۈنىدىن باشلاپلا سەۋەبسىز قامالغانلىقىنى، سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەنلىكىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتتاي ساقچى دائىرلىرى ئۇنىڭ فرانسىيەدىكى قىزى گۈلخۇمارنىڭ نامايىشلاردا تارتىۋىلىنغان سۈرىتىنى كۆرسىتپ تۇرۇپ: «قىزىڭ چەتئەلدە بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. شۇڭا بىز سېنى تۇتتۇق.» دەپ بېسىم ئىشلەتكەنلىرىنى بايان قىلىدۇ. گۈلباھار خانىم يەنە لاگېر ئىچىدىكى ھاياتنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ، لاگېر ئىچىدە ھەرقانداق يەرنى كۆزىتەلەيدىغان كۆزىتىش كامىراسى ئورنىتىلغانلىقىنى، ھەتتا مۇنچا، تازىلىق ئۆيلىرىگىچە كامىرالارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى 24سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بىر قېتىم ئۇ پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا 20نەچچە كۈن قاتتىق كاراۋاتقا باغلىنىپ جازالانغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بېرىدۇ. يۇقىرقى بايانلاردىن سىرت يەنە خىتتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، ھەرقانداق يەردە خىتتاي تىلىنى سۆزلەشنى شەرت قويغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەشسە جازالىنىدىغانلىقىنى… ئەگەر خىتتايلار ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلسا 150 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. لاگېر ئىچىدە بولسا ۋاكسىنا سېلىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئوكۇللارنىڭ ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۇرغۇزغان ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئادەت كېلىشلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

 

گۈلباھار خانىمنىڭ يۇقىرقى بايانلىرى خىتتاينىڭ لاگېر سىياسىتى، ئېرقىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنيا خەلقىگە پاش قىلغان بولۇپ، بۇ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە، تەپسىلىي جەريانلىرى فرانسۇز يازغۇچى، ژۇرنالىست Rozenn Morgat تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتتاي گۇلاگ لاگېرىدىن ھايات قالغان تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ سەزگۈزەشتىلىرى» دېگەن كىتابىدا يورۇتۇلۇپ بېرىلگەن. بۇ كىتاب 2021- يىلى 13- يانۋاردىن باشلاپ فرانسىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ-كىچىك كىتابخانىلىرىدا سېتىلىشقا باشلىغان. يېقىندىن بۇيان فرانسىيەدە گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە گۈلباھار خاتىپھاجى خانىم دىن ئىبارەت بۇ ئىككى قەيسەر خانىملىرىمىزنىڭ قورقماسلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ، گۇۋاھلىق بېرىش نەتىجىسىدە فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر قىزغىنلىقى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. فرانسىيە تېلېۋىزىيە، رادىئولىرى، ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر بىلەن تولدى. شۇ سەۋەبتىن ئاگېنتلىقىمىز نامىدىن قورقماسلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش سېپىدە ئىزچىل پىداكار بولۇپ، خىتتاينىڭ رەزىل جىنايەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىۋاتقان بۇ قەھرىمانلىرىمىزغا ئالىي ئېھتىرام ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمى
2020-يىلى14-يانۋار
خەۋەرنىڭ مەنبە ئۇلىنىشلىرى:
https://www.france.tv/france-5/c-a-vous/c-a-vous-saison-12/2181199-invites-dominique-le-guludec-ibrahim-maalouf-et-aliette-de-laleu.html?fbclid=IwAR3l3vYZDWsgDrTubQ5OIRp2MpR8z0TZ5g-GbTCA7ET0V9Do784hcKvBPko#xtor=CS3-1040-[france5]-[cavous]-[interviewouighoure]-[]
https://mobile.francetvinfo.fr/monde/chine/chine-le-temoignage-precieux-de-gulbahar-haitiwaji-une-femme-ouighoure-enfermee-dans-un-centre-de-reeducation_4253575.html?fbclid=IwAR3UrPFmG8LLX5JPxlz8uJphdIdHfaJ3Zlo7qlgDJVhJeatWg7h8lalyFq8#xtref=http://m.facebook.com/&xtref=https://www.francetvinfo.fr/
https://www.franceinter.fr/emissions/l-invite-de-7h50/l-invite-de-7h50-11-janvier-2021?fbclid=IwAR2FmV2r_zeHeR5fvAGZJsNPnB6jd8NBkTCkJlbA32gDLz0sWAiF6WWOfMw

 

https://livre.fnac.com/a15128474/Gulbahar-Haitiwaji-Rescapee-du-goulag-chinois

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان خىتاينىڭ ۋاكسىنىسىنى ئ‍ۇرغۇزدى.

پە يانۋار 14 , 2021
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە دوختۇرخانىسدا خىتاينىڭ سنوۋاك شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى باش بولۇپ ئۇرغۇزغان.

You May Like