ھەيز مىقدارى بارغانسېرى ئازلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ھەيز مەزگىلى بەدەننىڭ زەھەر ھەيدەشكى ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ھەيز مىقدارى ئاز بولۇش، رەڭگى قارامتۇل بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز كېچىكىپ كېلىش ياكى بالدۇر كېلىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيزنىڭ نورمالسىزلىقى بولۇپ، يەنە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.

ھەيز مەزگىلى بەدەننىڭ زەھەر ھەيدەشكى ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ھەيز مىقدارى ئاز بولۇش، رەڭگى قارامتۇل بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز كېچىكىپ كېلىش ياكى بالدۇر كېلىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيزنىڭ نورمالسىزلىقى بولۇپ، يەنە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى 4 خىل يېمەكلىك ھەيزنىڭ ئاز كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىپ، تۇخۇمداننى ئاسراپ، ھەيزنى نورماللاشتۇرىدۇ. 1. قارا شېكەر قارا شېكەر زەھەرنى ھەيدەشكە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سەمىرتمەيدۇ، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. نۇرغۇن قىز-ئاياللاردا بالىياتقۇ سوۋۇش ئالامىتى بولۇپ، قارا شېكەر دەل شۇنىڭغا مەنپەئەت قىلىدۇ، شۇڭا قارا شېكەرنى ئادەتتە زەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك، لېكىن ھەيز مەزگىلىدە قارا شېكەر ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا قان بەك كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. 2. قىزىل دېڭىز يۇسۇنى (زىسەي) قىزىل دېڭىز يۇسۇنى تەركىبىدكى يود ئېلېمېنتى قىز-ئاياللارنىڭ قان تەركىبىدىكى كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، ئاياللىق ھورمونىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۇخۇمداننىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. قىزىل دېڭىز يۇسۇنىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. يېمەكلىك تالاسىمۇ مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3. قارا پۇرچاق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونى بار، بۇنىڭ ئىچىدە قارا پۇرچاقنىڭ ئانىلىق ھورمۇن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەنە كېلىپ قارا پۇرچاق «پۇرچاق شاھى» دەپ ئاتالغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قارا پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە، قانۇنىيەتلىك ھالدا كۈنىگە كېرەكلىك ئانىلىق ھورموننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى ئاسراشتىكى رولى ئىنتايىن ياخشى. 4. يوپرارىيە يىلتىزى پويرارىيە يىلتىزى تەركىبىدىكى پۇئېرارىننىڭ تۇخۇمدانغا نىسبەتەن مۇئەييەن ئاكتىپ رولى بار، تۇخۇمداننىڭ قىسمەن رايونىدىكى ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ قان ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇخۇمدانغا ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ، تۇخۇمدان ھورمونىنىڭ تەبىئىي ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ۋە ھەيز كېسىلگەندىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك رول ئوينايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەرلەرنىڭ «ئىشنى تۈگىتىپلا ئۇخلىشى» ئەمەلىيەتتە بىر ئۇقۇشماسلىق

پە ئاپرېل 26 , 2018
ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ «ئىشنى» تۈگىتىپلا كەينىنى قىلىپ ئۇخلىۋېلىپ، ئايالىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى قىلچىمۇ ئويلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق «شەخسىيەتچى» بولۇپ قالىدۇ؟

You May Like