ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: دىلنۇر
2019-8-8
يېقىنقى يىللاردا ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئومۇمى كۆچمەنلىك قانۇنلىرىنى بىلمەسلىك سەۋەپلىك، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە يۆتكىلىپ تىلەش، ھەتتا بىر دۆلەتتە تىلەپ بولۇپ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىگە بېرىپ تىلەش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە،»دۇبلىن قانۇنى» بويىچە، بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە مەجبۇرى قايتۇرۇلۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتەك ئىشلار خېلى يۈز بەردى. شۇڭا ياۋروپاغا بۇنىڭدىن كېيىن پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن كەلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، «دۇبلىن قانۇنى» نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.
ئەسلى «دۇبلىن كېلشىمنامىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قانۇن 1990-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا، قانۇنى ياكى قانۇنسىز ھالدا ئەزا دۆلەتلەرگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلدە، بىر قانچە دۆلەتتە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. 2003-يىلى بۇ كېلىشىمنامە «دۇبلىن ئىككى» قانۇنى بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرلا ئەمەس، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. شۇنداقلا، بىر دۆلەتتە پاناھلىق تىلىگەن كىشىنىڭ بارماق ئىزى كومپىيوتىردا ساقلىنىپ، «ياۋروپا ھۆججىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمى بىر كۆچمەنلەر ئۇچۇرلىرى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بۇ ئامبار ئارقىلىق، ئاسانلا بىر پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئەسلى قايسى ياۋروپا دۆلىتىدە بارماق ئىزىنى قالدۇرغانلىقىنى بىلىۋالىدىغان ۋە بۇ كىشىنى ئاشۇ دۆلەتكە ئەۋەتىۋېتىدىغان سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2013- يىلى «دۇبلىن 2» يەنە قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، «دۇبلىن 3» كە ئۆزگەرگەن. بۇ قېتىملىق ئۆزگىرىشتە، بارلىق ياۋروپا تۇپرىقىغا كىرگەن كۆچمەنلەر (مەيلى قايسى سالاھىيەت ياكى مەقسەتتە بولسۇن) نىڭ ھەممىسىنىڭلا بارماق ئىزى ئېلىنىپ، «ياۋروپا ھۆججىتى» ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ. قايسى دۆلەتكە ئەڭ ئاۋۋال قەدەم باسقان بولسا، ياكى قايسى دۆلەتنىڭ ۋىزىسى بىلەن شەنگەن رايونىغا كىرگەن بولسا ۋە پاناھلىق تىلەش مەقسىتى بولسا، دەل شۇ بىرىنچى دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىشى كېرەك. ئەگەر بىر كۆچمەن قانۇنسىز ھالدا بىر ياۋروپا دۆلىتىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ دۆلەتتىن ھالقىپ بېرىپ، يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىدىن پاناھلىق تىلىسە، بۇ كېيىنكى دۆلەت ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپلا قالماي، ئۇ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان ياۋروپا دۆلىتىگە ئەۋەتىۋېتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككىنچى دۆلەت بىرىنچى دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىش رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر بىرىنچى دۆلەت بۇ كۆچمەننىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالىمىسا، ئۇ چاغدا، ئىككىنچى دۆلەت خالىسا بۇ كۆچمەننىڭ بۇ دۆلەتتە پاناھلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. بۇنداق ھالدىكى كۆچمەنلەر «دۇبلىنچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ.
كونكېرىت مىسال بىلەن ئېيتساق، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋاللار بار :
1- مىسال : بىر ئۇيغۇر ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتكە ۋىزىسىز ھالدا، باشقا بىر يوللار ئارقىلىق كېلىۋالدى. بۇ دۆلەتنى ئىتالىيە دەپ تۇرايلى. بۇ ئۇيغۇر ئىتالىيەدە تۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ فىرانسىيەدە تونۇشلىرى بار، شۇڭا فىرانسىيەدە پاناھلىق تىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيەگە يېتىپ كەلگەندە، ئىتالىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىپ، جەمئىيەتكە قويىۋېتىدۇ. بۇ كىشى ئاندىن فىرانسىيەگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە فىرانسىيەدىن پاناھلىق تىلەيدۇ.
فىرانسىيە كۆچمەنلىك دائىرىلىرى ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىپ «ياۋروپا ھۆججەتلىرى» ئامبىرىغا كىرگۈزىشىگىلا، ئۇنىڭ ئەسلى ئىتالىيە ئارقىلىق كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. فىرانسىيەدە مەمۇرى ئىشلارنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى، بۇ ئۇيغۇر كۆچمەن پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت جاۋابىنى شۇ زامات تاپشۇرىۋالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرانسىيە دائىرىلىرى ئالدى بىلەن ئىتالىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆز-ئارا ماتېرىيال سۇنۇشۇپ، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن، بۇ ئۇيغۇر كۆچمەنگە ئۇنىڭ فىرانسىيەدىكى ئىلتىماسىنىڭ رەت بولغانلىقىنى، سەۋەبى ئۇنىڭ ئەسلى ئىتالىيە ئارقىلىق كەلگەنلىكى ۋە «دۇبلىن قانۇنى» بويىچە، ئۇنىڭ ئەمدى ئىتالىيەگە قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكى ۋە شۇ ئىتالىيەدىن پاناھلىق تىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ جەريانغا بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.
2- مىسال : بىر ئۇيغۇر فىرانسىيە ۋىزىسىنى ئېلىپ، بۇ ۋىزا ئارقىلىق ئاۋال بېلگىيەگە كەلدى ۋە گېرمانىيەگە بېرىپ، شۇ يەردىن پاناھلىق تىلىدى.
بۇ ئەھۋالدا، گېرمانىيە ئۇنىڭ پاناھلىق تىلەش رەسمىيەتلىرى جەريانىدا، ئۇنىڭ فىرانسىيە ۋىزىسى ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى ۋە «ياۋروپا ھۆججەتلىرى» ئامبىرىدا بارماق ئىزىنىڭ ساقلىنىقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوخشاش سەۋەپلەر تۈپەيلى، بىر قانچە ئايلىق رەسمىيەت ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، بۇ ئۇيغۇرنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ فىرانسىيەگە كېتىشىنى سورايدۇ.
ئەگەر بىر ئۇيغۇر غەربى ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتنىڭ ۋىزىسىنى ئېلىپ، ئاندىن شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ پاناھلىق تىلىسە، تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ كۆچمەننى ئۆزلىرى خىراجەت چىقىرىپ، ئايروپىلانغا سېلىپ، ئۇ ۋىزا ئالغان دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى قىلىشتىن بۇرۇن، شۇ ۋىزا بەرگەن دۆلەتنىڭ چىگرا ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كۆچمەننى يولغا سالىدۇ.
شەرقى ياۋروپا (گىرىتسىيە، بۇلغارىيە، رۇمانىيە، ۋىنگىرىيە، سلوۋاكىيە…) دۆلەتلىرى ۋە ئىتالىيە ھوقۇقتىكى ئەشەددى ئوڭچىل ھۆكۈمەتلەر سەۋەپلىك، ئاساسەن كۆچمەنلەرنى قايتا قوينىغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. لېكىن، تولا ھاللاردا، ئۇلار خالىمىسىمۇ، ئەگەر ئىگە چىقىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىلاشمىسا، غەربى ۋە شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان دۆلەتلەر ئارقىلىق كەلگەن كۆچمەنلەرنى مەجبۇرى ئۇلارغا قايتۇرىۋېتىدۇ.
قانداق ئەھۋال ئاستىدا «دۇبلىن قانۇنى» دىن مۇستەسنا بولغىلى بولىدۇ ؟
1. دۇبلىنچى كۆچمەنلەرنىڭ بۇ قانۇن سەۋەپلىك ئۆزلىرى خالىمىغان يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتىگە قايتۇرۇلىۋېتىشىنى توسايدىغان بىردىنبىر ئامىل ئائىلە سەۋەبى. ئەگەر بىر ئائىلە كىشىلىرى (ئايالى، يولدىشى، ھەمراھى، بالىلىرى، ئاتا-ئانىسى) بۇ كۆچمەن قالماقچى بولغان دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسا، «ئائىلە جەملىشىش» سەۋەپلىك، «دۇبلىن قانۇنى» دىن مۇستەسنا قىلغىلى بولىدۇ.
2. «دۇبلىن قانۇنى» دىن يەنە بىر قېچىش ئۇسۇلى بولسا، ئەگەر ۋىزا ئالغان دۆلىتى ياكى تۇنجى قەدەم باسقان دۆلىتى شەرقى ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، بۇ دۆلەتلەردە كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مەلۇم مەزگىل تىركىشىش نەتىجىسىدە يەنە كۆچمەننى غەربى ۋە شىمالى ياۋروپادا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
3. ئەگەر كۆچمەن بېسىپ ئۆتكەن بىرىنچى ياۋروپا دۆلىتى ياكى كۆچمەنگە ۋىزا بەرگەن ياۋروپا دۆلىتى كۆچمەن پاناھلىق تىلىگەن ئىككىنچى ياۋروپا دۆلىتىنىڭ قايتۇرۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئەمما كۆچمەن شۇ دۆلەتكە 6 ئايغىچە ئەۋەتىلمىگەن بولسا، «دۇبلىن قانۇنى» ئەمەلدىن قالىدۇ.
4. «ياۋروپا ھۆججەتلىرى» ئامبىرىدا كۆچمەنلەرنىڭ بارماق ئىزلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يېرىم يىلغىچە ساقلىنىدۇ. ئەگەر كۆچمەن ئۆزى قايتۇرۇلماقچى بولغان ياۋروپا دۆلىتىگە بېرىشنى قەتئى خالىمىسا ۋە ئۆزىنىڭ مەجبۇرى ئۇ دۆلەتكە يولغا سېلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، قېچىپ كەتسە، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۆزى خالىغان ياۋروپا دۆلىتىدە قايتا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنالايدۇ.
خۇلاسە
ھازىرغا قەدەر ماڭا ئۇچرىغان دۇبلىنچى ئۇيغۇرلار 30 غا يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇنجى ئۆتكەن ياۋروپا دۆلىتىگە قايتۇرېۋېتىلىپ، شۇ يەردە قايتا پاناھلىق سوراشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئارىدا تەلەيلىكلىرى بىر قانچە ئاي، تەلەيسىزلىرى بىر قانچە يىل سەرگەردانلىق ھاياتنى باشتىن كەچۈردى. ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، ياۋروپاغا بىر ئامال قىلىپ كېلىۋېلىشنى ئويلاۋاتقان ئۇيغۇرلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ۋە بۇنىڭ كونكېرت نەتىجىسىمۇ كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭدەك، «دۇبلىنچى» ئۇيغۇرلار يەنە پەيدا بولماقتا. كۆچۈشنىڭ ئۆزى بىر جاپالىق ۋە ئازاپلىق جەريان. قانۇن ۋە قائىدىلەرنى بىلمەسلىك سەۋەپلىك، بىر كۆچۈشنىڭ ئورنىغا بىر قانچە قېتىم كۆچۈش بۇ ئازاپ ۋە جاپانى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ. ھەرخىل بېسىم ۋە دەرد-ئەلەمگە پاتقان، بىر ئامال قىلىپ تىنىچ ھايات ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىققا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن، «دۇبلىن قانۇنى» ھەققىدە ئەڭ ئەقەللى ساۋاتلارنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر. پاناھلىق ئۇسۇللىرى ۋە جەريانلىرى ھەققىدە يەنە ئايرىم ماقالە ئېلان قىلىمەن.