«بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتى: مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار قانداق تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قانداق ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى؟

مىسىردىكى مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيسى «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىدە بايانات بىرىپ مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قانداق تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق ئېنىق بىر ئوچۇقلىما بىرىشنى تەلەپ قىلدى .

«بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 26-ئاۋغۇست

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلپىدا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-29

مىسىردىكى مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيسى «بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىدە بايانات بىرىپ مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قانداق تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق ئېنىق بىر ئوچۇقلىما بىرىشنى تەلەپ قىلدى .

مۇھاپىزەتچىلەر پارتيسى دۈشەنبە كۈندىكى باياناتىدا مۇنداق دىدى :

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ «شەرقىي تۈركىستان» رايوندا ياشاپ كەلگەن  كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردىن مىسىردا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك خەۋىرى ئارقىمۇ – ئارقا چىقىشقا باشلىدى.

ئۇلار يەنە مۇنداق دىدى :

بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قارارىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قايتا تەربىيلەش نامىدا  داۋاملىق ئېلىپ بىرىۋاتقان خورلۇق بېسىملىرى، ئىنسانىيەت ھوقۇقىنى ئوچۇق ئاشكارا دەپسەندە قىلىشى، دىينى ئەركىنلىكنى قەستەن ئاشكارا باستۇرۇشى، بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىشى، سوتلاش، قىيناش قاتارلىق ھەركەتلىرى ئېنىق مىسال بولالايدىكەن .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇرلارنى  خورلاش، قىيناش، باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق مۇئامىللىرى بىزنى قاتتىق ئەنسىرەتمەكتە .

شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھاپىزەتچى پارتىيسى مىسىر ھۆكۈمىتىدىن يۇقاردىكى ئۇچۇرنىڭ توغۇرلۇق دائىرسىنى ئاشكالاشنى تەلەپ قىلدى.

قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مۇھاپىزەتچى پارتىيسى مىسىر ھۆكۈمىتى ئۆزىنى قاچۇرۋاتقان مەسىلە ئەكىسچە توغرا بولۇپ قالسا، مىسىر دۆلەت قانۇنىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئىنسانىيەت ھوقۇقىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى دۇچ كىلىدىغان خەتەرلەردىن ئۇلارنى ھىمايا قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولمايدىغانلىق توغرىسىدا مىسىر ھۆكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈرىدۇ.

شۇنىڭدەك مىسىر ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئىنسانىيەت ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئوچۇق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار باياناتىنى تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن يىغىنچاقلىدى .

ئۇيغۇر خەلقى ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىس خەلقئارا جەمىيەت ۋە ئىنسانىيەت ۋىجدانىغا يېڭى قارشىلىق ئېلىپ كىلىدۇ .

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خەلقئارا مەجبۇرىيتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىنى توسۇشىنى،  دىن ۋە ئىتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز .

 

مەنبە :

https://www.almasryalyoum.com/news/details/1422312

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ختتاي ئېقتسادى: خىتايدا چوشقىلار ئۇچماقتا

پە ئاۋغۇست 29 , 2019
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئىلان قىلىشىچە خىتايدا چوشقا گۆشنىڭ توپ باھاسى 22-ئاۋغۇستىن 28-ئاۋغۇستىقىچە بىر ھەپتىدە%11ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ باھا ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ئاينىڭ باھاسىغا قارىغاندا %52.3ئۆسكەن.

You May Like