ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە «مىنىڭ ۋەتىنىمدىكى تېراگىدىيە بىر دەرس بولسۇن! (ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسان ھەقلىرىنى قوغداش-ھەر قانداق جايدىكى ئنسان ھەقلىرىنى قوغداش دىگەنلىكتۇر)» ناملىق ئوبزورى ئىلان قىلىندى.
مەزكۇر ئوبزۇردا شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ 2017-يىلى يازدا ۋەتەندىن قېچىپ چېقىشتىن بۇرۇنقى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن سەرگۈزەشتىلىرى، تونۇلغان ئۇيغۇر زىياليلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنش جەريانى، كىشلەرنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەھىمىلىك روھى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.
بۇ تاھىر ھامۇتنىڭ 8-ئايدا «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەھرىراتىنىڭ ئۇنى مەخسۇس ئوبزور يېزىشقا تەكلىپ قىلىشى ئىكەن.8-ئايدا ۋاشنگىتوندا مەزكۇر كىتاپ ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
جوشۇۋا فىرىماننىڭ تەرجىمانلىقى بىلەن روياپقا چىققان مەزكۇر كىتاپنىڭ باشقا كىتاپلارغا ئوخشمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا ئاخىرقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن تېراگېدىيەنىڭ تەپسلاتلىرى-ئنسانلارنىڭ روھى ھالىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئاپتورنىڭ شاھىدلىقى ، كۆزىتىشى ئاڭلىغانلىرى ئاساسدا، كونكىرىت مساللار ئارقىلىق جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، كىتاپنى ئالدىن ئوقۇش پۇرستىگە ئېرىشكەن مۇتەخەسسلەر كىتاپ ھەققىدە ئوخشمىغان نۇقتىدىن يۇقىرى باھالارنى بىرىشمەكتە.
ئوبزوردا دېيلىشچە، تاھىر ھامۇت ئىزگىل -1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ،بېجىڭدا ئوقۇغان.كىين چەتئەلگە چېقىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن 3 يىللىق ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشكە ئەۋەتىلگەن.كىين ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ،فىلىم رىژىسورلۇقى بىلەن شۇغۇللانغان.
تاھىر ھامۇت ۋەتەندە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە شائىر بولۇپ، ئامېرىكىغا قېچىپ چىققاندىن كىين،نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئامېرىكا تاشقى ئشلار منسترلىكى ئورۇنلاشتۇرغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىك منسترلىكلەر يېغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.