ۋاڭيى: شىنجاڭدىكى 20 مىليون ئامما ھۆكۈمەتنىڭ قىلغىنىنى قوللايدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت) مەسىلىسى توغرىسىدا سورالغاندا،

گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

    [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]     خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت) مەسىلىسى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ «قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى» توغرۇلۇق تەنقىدلەرنىڭ راست- يالغانلىقىغا بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرماي، قوللانغان ھەرىكىتىنى «خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىش» دىدى.   گىرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى نىيۇيورك تاشقى مۇناسىۋەت ئۇيۇشمىسىدا ئامىرىكا سابىق مالىيە مىنىستىرى رۇبىن بىلەن پارالاشقان. رۇبىن سۆھبەت جەريانىدا ۋاڭيىدىن ئۇدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)دا قوللانغان ھەرىكەت توغرىسىدا سورىغان. ۋاڭيى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)دىكى 20 مىلىيون خەلق ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)دا 20 مىلىيون ئامما بار، ئۇلار ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىنى ئىنتايىن قوللايدۇ. چۈنكى ئۇلار خاتىرجەملىك ھىس قىلغان، ئۇلار كەچلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولغان. ئۇلار ئەمدى زوراۋان تىرورچىلىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايدۇ. ئەجىنا بۇ ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟» دىگەن. ئۇ يەنە بەزىلەرنىڭ رادىكال ئىدىيەلەر تەسىرىگە ئۇچراپ، چەتئەللەردە ئەمەلىي دەلىلى يوق مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈپ، چەتئەلدىكى دوستلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭيى دەسلەپتە سۇئالنى ئاڭلىغاندا گاڭگىرىغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، ئاندىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاندەك، چەتئەللەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ سۆزىدە شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)نىڭ مۇسۇلمانلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكى، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئامما نىسبىتى بىلەن دىنىي ئەسلىھەلەر سانىنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت) خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىيىتقان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بازا تەشكىلاتى ۋە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)دا تارقالغان بولۇپ، زوراۋانلىق ۋىدىيولىرى ئارقىلىق ئىشسىز ياشلارنى جەلىپ قىلىپ تىرورچىلارغا ئايلاندۇرۇرۇپ، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)نى ناھايىتى خەتەرلىك رايون قىلىپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)لىقلارنىڭ جېنى ۋە مېلىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن بويىچە ھەرىكەت قوللانغاچ، بۇ بىر ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت)دا ھىچقانداق تىرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن. ۋاڭيى:« خىتاي تىرورىزىمنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت)دا يامراپ كىتىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ» دىگەن.   پاراڭدىكى باشقا مۇھىم مەزمۇنلار   نىيويورك تاشقى مۇناسىۋەت ئۇيۇشمىسى بولسا ئامرىكدىكى پنىسىيونېردىپلوماتلارنى ئاساس قىلغان كوللىكتىپ. ۋاڭيى پاراڭدا خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى تۈزۈم ۋە يولنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكى، خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مەمنۇنلۇقى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  ئۇ يەنە: «خىتاي ئامرىكىنىڭ ئورنىنى ئالمايدۇ. ئۇ تىنىچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. كۆپ قۇتۇپلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر سېستىمىسىنى قوغدايدۇ» دىگەن.     https://www.dw.com/zh/%E7%8E%8B%E6%AF%85%E6%96%B0%E7%96%86%E4%B8%A4%E5%8D%83%E4%B8%87%E6%B0%91%E4%BC%97%E8%B4%8A%E6%88%90%E6%94%BF%E5%BA%9C%E5%81%9A%E6%B3%95/a-45705190

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

سە ئۆكتەبىر 2 , 2018
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان «سېستىمىلىق باستۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامال قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

You May Like