ئارمان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
پارىژ، 8-فېۋرال خەۋىرى
1- فېۋرال مەركىزى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان «فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ 5-نۆۋەتلىك سايلىمى مۇۋەپىقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىغىلىشلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلى بۇ قېتىمقى سايلام مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلدى. پارىژ شەھىرى شۇنداقلا پۈتۈن فرانسىيەدىن جەمئىي 130دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ توردا بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق 8 كىشىلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلىنىپ چىقىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئالىم ئۆمەر ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىلەر داۋاملىق تۈردە 2-قېتىملىق رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى.
«فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات 2008- يىلى پارىژ شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى فرانسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، شۇنداقلا باشقا خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار بىلەن بىللە ئاكتىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىرلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ۋە شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى فرانسىيە جامائىتىگە جۈملىدىن دۇنيا جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناپ، ئىزچىل تۈردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، نامايىش ۋە ھەرخىل تىپتىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كەلگەن ئىكەن. مىرقەدىر ئەپەندىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن تەشكىللەنگەن «فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ دەۋا سېپىمىزدىكى ھېچبىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلارغا تەۋە بولمىغان، شۇنداقلا فرانسىيەدىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر شەرقىي تۈركىستان پۇقرالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇستەقىل تەشكىلات سۈپىتىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىللىق دەۋاسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە 7-فېۋرال كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەيئەت گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىملىق تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.