ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

 ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

ئۇيغۇرىئان

«سەن تاش سانىساڭ، دۈشمىنىڭ قۇم سانايدۇ»، «ئۆردەكنى يېسەڭ غازنىڭ پېيىدا بول» -ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى
 

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن 40 يىلدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىگە خىتاينى ئاجىز ۋە ئارقىدا قالغان كۆرسىتىپ، بۇ دۆلەتلەردىن مىلياردلاپ ئىقتىسادى ياردەم قوبۇل قىلدى. خىتاينىڭ نوپۇس ۋە يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان قالاق ئىقتىسادى ئاساسنى مەركەز قىلىپ دۇنيا بانكىسىدىن ئالدى-كەينى بولۇپ 100 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئۆسۈمسىز ياكى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان. چوڭ شىركەتلەر، ئورگانلاردىن ھېسابسىز كۆپ ھەقسىز تېخنىكا ياردىمى ۋە ئۈسكۈنە قوبۇل قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاخىرى غەزەپ بىلەن خىتاينى 2023-يىلى 4-ئايدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.

خىتاي ئاجىز كۆرۈنۈش ئارقىلىق نېمىگە يەتتى؟

خىتاينىڭ تەھدىتى، كۈچىنى دۇنيا ھېس قىلمىغان پەيتتە، خىتاي ئاتالمىش« تىنچلىق بىلەن قەد كۆتۈرۈش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى»بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈردى. ئاجىز ھېسابلانغان خىتاينىڭ يوشۇرۇپ مەقسەتلىرى ۋە كۈچىنى دۇنيا ھېس قىلمىدى .خىتاينى 20 يىلنىڭ ئالدىدىن باشلاپ دۇنياغا تەھدىت دېگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى باشقىلار« خىتاينى كۆككە كۆتۈرۋەتكەنلىك، ئامېرىكىنى بوش چاغلىغانلىق، خىتاي ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دەپ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.

بۇ جەرياندا، خىتاي دۇنيادىكى ئۇرۇشلارغا ئارىلاشمىدى، سانائەت ۋە تېخنىكىنى راۋاجلاندۇردى. باشقا دۆلەتلەرگە ئەڭ چوڭ بازار تەمىنلىدى، تېخنىكىسىنى ئوغرىلىدى، ئاجىز دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي  دۇنيا تەرتىپىگە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مونوپول قىلىدىغان، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى كۈچىنى بېسىپ چۈشىدىغان تەھدىتكە ئايلاندى.

مۇھاجىرەتتىكى خىتاي شايكىلىرى داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا.

خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 40 يىلدىن بىرى سېتىۋالغان كانايلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار دۇنيانى داۋاملىق ئۇخلاشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن:« خىتاي ئاجىز، تېخى كۈچى يوق، ھېچنېمە قىلالمايدۇ» دەپ بىخۇدلاشتۇرىدۇ.دۇنيانىڭ غەپلەت ئىچىدە ختاينىڭ قوينىغا يەم بولۇشى ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسى ئىيتىدۇ. ھەتتا خىتاينىڭ تەھدىتىنى تونۇشتۇرغانلارنى كەمسىتىدۇ. پاكىت شۇكى: دۈشمەننىڭ خەتىرىنى بىلىش بەك كېچىكتى،.ئامېرىكا تېخى تۇنجى قەدەمنى ئالدى ۋە ختتايغا قارشى ئېقتسادى رىقابەتنى كۈچەيتتى، ئەمما كەڭ  دۇنيا جامائىتى تېخى خىتاينى تولۇق چۈشەنگىنى يوق.  كۆپ قسم ئۇيغۇرلار  پەقەت ئۆزى كۆرگەن ختتايلارنىلا ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بارلىق ختتاي ھاكىمىيتى ۋە ئۇنى تەشكىل قىلىۋاتقان ختتاي كۈچلىرى ھەققىدە  «دۆت، مەينەت، قالاق،  نامرات  » دىگەن تەشۋىقاتقا ئىشنىپ،  ختتاينىڭ « ھەدىدىدىن زىيادە ھىلىگەر،  ئۇزۇن مۇددەتلىك ستىراتىگىيەچى ۋە قارا نيەتلىك، ۋاستە تاللىمايدىغان، بار كۈچى بىلەن تېرىشىپ، ئۆز دۈشمىنىنى يوقاتمسا بولدى قىلمايدىغان » تەرەپلىرىگە پۈتۈنلەي سەل قارىغان،مانا ھازىرقىدەك دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئېقتسادى مۇستەملىكىچىلىك ۋە دىلپوماتىك تەسر بىلەن مونوپۇل قىلىدىغان رىئاللىقنى تۇيۇقسزلا بايقاشقا مەجبۇر بولغان. ئ‍ۇيغۇرلار ئۆز دۈشمىنىنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولغان نىيتى ۋە بۇ نىيەت ئۈچۈن ئ‍شقا سالماقچى بولغان پىلانلىرىنى بايقىيالمىغان، ھەرىكەت قوللانمىغان.ھەتتا ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقاندىمۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار يەنىلا خىتاي ئىستراتېگىيەسى ۋە ھىيلە-مىكىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا قارشى. خىتاينى چۈشىنىشكە پەرۋاسز. خىتاينىڭ جنايەتلىرىنى سازايى قىلىشقا ئاكتىپ ئەمەس، ختتايغا تاقابىل تۇرۇش چۈشەنچىسى ۋە پىكىرلىرى يوق. ختاينى خەلقئارادا يېتىم  قالدۇرۇشقا بىلىمى، ئۇچۇرى، ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى يوق.

ختتاينى ھەر تەرەپتىن پاش قىلىش -بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن بىرى.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى مەخمۇتجان دارايېۋ ۋاپات بولدى

يە ماي 7 , 2023
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومېدىيە ئارتىسى مەخمۇتجان دارايېۋ ۋاپات بولدى

You May Like