ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان كىشى بارلىققا كەلدى

ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان كىشى بارلىققا كەلدى

 ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان كىشى بارلىققا كەلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-ئاپرېل

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاپرېل جۈمە كۈنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن ئالەم ئۇچقۇچىسى سۇلتان ئەل نېيادى Sultan al-Neyadi سەپدىشى ستىفېن بوۋىننىڭ(ئامېرىكىلىق) يېتەكلىشىدە پونكىتتىن چىقىپ رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ:« خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئاسترونوملار ھازىرغىچە 262 قېتىم بوشلۇققا چىقىپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى تۇنجى قېتىم ئەرەب مىللىتىدىن بولغان ئاسترونوم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭدى، سۇلتان ئەل نېيادى تارىخ ياراتتى…»

توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇلتان ئەل نىيادى 1981-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ ئەل ئەيىن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا بىلىم ئالغان. 2018-يىلى 8-ئايدا ئۇ دۆلەت تەرىپىدىن مەخسۇس پىلانلانغان ئالەم ئۇچقۇچىسى پروگراممىسىنىڭ تاللىشىغا قاتنىشىپ 4022 نەپەر كىشى ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ رۇسىيە «گاگالىن ئاسترونوم تەربىيەلەش مەركىزىگە» ئەۋەتىلىپ مەخسۇس تەربىيەلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە سۇلتان ئەل نىيادى 2023-يىلى 1-مارت SpaceX راكېتاسىغا ئولتۇرۇپ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ يەردە 6 ئاي ۋەزىپە ئۆتەپ قايتىپ كېلىدىكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قىسقا خەۋەر لىۋان خەلقى سۈرىيەلىك ئىلتىجاچىلارنى قايتۇرۇشقا قارشى نامايىش قىلدى

جۈ ئاپرېل 28 , 2023
قىسقا خەۋەر لىۋان خەلقى سۈرىيەلىك ئىلتىجاچىلارنى قايتۇرۇشقا قارشى نامايىش قىلدى

You May Like