تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئادۋوكاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە جازا مەھكىمىسىگە ئەرزلىرىنى سۇندى

1- ئاينىڭ 4_-كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئادۋوكاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان« ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى » نى تۈركىيە جازا مەھكىمىسىگە سۇنۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلات، دەرنەك ۋەكىللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ھەرقايسى تۈرك ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-يانۋار

بۈگۈن يەنى 1- ئاينىڭ 4_-كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئادۋوكاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان« ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى » نى تۈركىيە جازا مەھكىمىسىگە سۇنۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلات، دەرنەك ۋەكىللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ھەرقايسى تۈرك ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

 

ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدە ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ۋە ھەمراھلىرى مەھكىمىگە سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ئەرزنامىنى ئۇقۇپ ئۆتتى. ئەرزنامە 9 تۈركىيە پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 گۇۋاھچىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدىكى ئۆز ئادۋوكاتلىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋە دەلىل – ئىسپاتلىرى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جازا لاگېرلىرىنىڭ خاراكتېرى، ساقچىخانا، تۈرمە قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاش ۋە جازالاش ئۇسۇللىرى  شۇنىڭدەك نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنى ۋە مىللىي خاسلىقنى چەكلەش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قوشماق تۇغقان سىياسىتى نامىدا ئۆيلەرگە خىتايلارنى ئەكىرىش، ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇش، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرز قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باياننامىدە يەنە بىر قىسىم تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن . 

باياننامىدە  19 گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ھازىرغىچە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 116 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، شۇنداقلا بىر قىسىم لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغان، مېيىپ ۋە پالەچ بولغان شۇنداقلا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئادەملەرگە سوت ئېچىش تەلەپ قىلىندى .

‌ باياننامىدە يەنە « ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەقەلەر ، پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار، ئۈنۋىرسال باشقۇرۇش ئاساسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىيناش جىنايەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە خەلقئارا قانۇنلىرى، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسىنىڭ 2- ماددىسىدا يېزىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىغان،  تەۋەلىكنى، مىللىي، ئىرقى ياكى دىنى گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنىلا ئەمەس بەلكى ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د  ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىشى كېرەك » دەپ يېزىلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر تۈرلۈك جازا يۈرگۈزۈشى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق بارلىق جازا لاگېرلىرى تاقىلىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلىشى ۋە جىنايەتچىلەر جازالىنىشى كېرەك . بۇ باسقۇچىنىڭ بىرىنچى قەدىمى تۈركىيە ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ ئىستانبۇلدىكى جازا مەھكىمىسىدە بېسىلىشى كېرەك. ئەيىپلىگۈچىلەر ۋە بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك » دەپ تەكىتلەنگەن .  

 

ئادۋوكاتلارنىڭ بايانىدىن كىيىن لاگېر قۇربانلىرى گۇرۇپپىسىدىن مەدىنە نازىمى، مەغپىرەت ئىمىن، جەۋلان شىر مۇھەممەت قاتارلىقلار نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بەردى . 

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر قانچىلىغان يەرلىك گېزىت ۋە تور بەتلەردىن ئورۇن ئالدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

سە يانۋار 4 , 2022
ياۋروپادىكى بىر قانچە شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like