ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ رەھىمە ماھمۇت خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 28-فېۋرال

بۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختات تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرى، تالانتلىق سەنئەتچى، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى رەھىمە ماھمۇت خانىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى «كېلەچەك پارتىيەسى»نىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ سايلامدىن بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى  قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردە بولغان.

بۇ ھەقتە  مەزكۇر پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىدىن سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مەلۇمات بېرىپ رەھىمە ماھمۇت خانىمنىڭ زىيارىتىدىن ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى ،ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مەيدانىنىڭ ئېنىقلىقىنى ھەر قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ، ئەگەر كېلەچەك پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقى سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە  بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەھىمە ماھمۇت خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە: تۈركىيە كېلەچەك پارتىسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ ئەنقەرەدە رەھىمە ماخمۇت خانىمنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ  داۋۇت ئوغلى ۋە ياردەمچىلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن دوستلۇقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

چا مارت 1 , 2023
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

You May Like