داڭلىق تۈرك ئىسلام دەۋەتچىسى مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىنى ئەيىبلىدى
ئىھسان شۈكران
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-فېۋرال
مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم تۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازدى :« مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا بولغان، پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلار بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ نومۇس قىلارمۇ؟!!».
كانادا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان M62 نومۇرلۇق چەتئەلدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار بولغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش خەۋىرىنى كۆرگەن تۈركىيەدىكى داڭلىق ئىسلام دەۋەتچىسى مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان جۇمھۇر ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەپ مۇنۇ سۆزلەرنى قىلدى: « خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بۇلغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كانادا ئۆز دۆلىتىگە يەرلەشتۈرۈشنى ماقۇللاپتۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا بالا بولغان باشقۇرغۇچىلار ئەجەبا بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن نومۇس قىلارمۇ ؟ ».
بۇ كىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۆپ قېتىم كۈچ چىقارغان، ھەمدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى سۈكۈت يولىنى تاللىغان ،مۇسۇلمانلىقنى ھەمدە تۈرك مىللەتچىلىكىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان جۇمھۇر ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىگەن ھەق مەيداندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇنجى ئىسلام دەۋەتچىسى.