ئامېرىكىدا يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ھەپتىسىدە 39 قېتىم چوڭ قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى، بىگۇناھ ئۆلگەنلەر ئاشماقتا
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 24-يانۋار
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «س ئەن ئەن» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى يىل كىرگەن 3 ھەپتىدىن بىرى جەمئىي 39 قېتىم چوڭ قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىكەن.
دۈشەنبە كۈنى كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا 7 بىگۇناھ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، يەكشەنبە كۈنى 9 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدا قورال ساقلاش پۇقرالارنىڭ ئاساسى قانۇن بەرگەن ھوقۇقى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى زوراۋانلىق كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە كۆپەيدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى قورال ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دېموكراتلار پارتىيەسى قورالنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى ماقۇللانغان قورال باشقۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرسەتكىنى يوق.