ئەركىن تۇنياز مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-يانۋار
خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش ش ئۇ ئا ر نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز رەسمىي رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى سايلاندى دەپ خەۋەر قىلغان. چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، سۇن خوڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي بېسۋىلىنغان ئۇيغۇر دۆلىتىدە ئۆز مۇستەملىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسى ۋە مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن نامزاتلارنى تەيىنلەيدۇ. بىز ئۇ ئاتالمىش رەئىسلەرنىڭ بۇرۇنقىلار ئۆتكۈزگەن جىنايەت يولىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا ياخشىلىق كۈتەلمەيمىز، ئەمما ئۇلار ئوخشاش خەلقئارا تەرىپىدىن جازالىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، شۇنداقلا تارىخقا شەرەپسىز جىنايەتچى نامى بىلەن خاتىرىلىنىشى كېرەك.»