ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى

ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارماقچى

 ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 14-نويابىر

ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت رەھبەرلىرىG20»  يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارماقچى.

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جو بايدىن بىلەن شى نىڭ كۆرۈشۈشى شۇ جاي ۋاقتى 14-نويابىر دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن بالى ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش جو بايدىننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى شى بىلەن تۇنجى قېتىملىق يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

13-نويابىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « پرېزىدېنت بايدىن بۈگۈنكى شەرقىي ئاسىيا ئەلباشلىرى يىغىنىدا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق قىلىپ ئىپادىلىدى. يەنى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بىر مەيدان كەسكىن رىقابەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما توقۇنۇشنى، قارشىلىشىشنى خالىمايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇ تۈردىكى رىقابەتكە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئامېرىكا ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قائىدە پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى، يەنى دېڭىز-ھاۋا يولى ئەركىنلىكىگە ئەمەل قىلىش، باراۋەر رىقابەت مۇھىتىنى يارىتىش، شۇنداقلا تەھدىت، مەجبۇرلاش ياكى تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ھالقىلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

سەل ئىلگىرى جو بايدىن كامبودژا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن شى بىلەن ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇرەسسەلىشىشنى خالىمايمەن، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز قىزىل سىزىقلىرىنى بېكىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن يەنى تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە توقۇنۇشتىن ساقلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىمىز كېرەك.»

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس 15-يانۋار شى بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئالبانېس كۆرۈشۈش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « بىز ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويۇلمىغان ئاساستا سەمىمىيلىك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز، مەن سۆھبەت نەتىجىسىنىڭ ئىجابىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋسترالىيە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقچى، مەن ئەتە شى بىلەن ئىجابىي بولغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.  

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيە، خىتاي رەھبەرلىرى 2019-يىلىدىكى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 يىغىنىدا قىسقىغىنە كۆرۈشۈشتە بولغاندىن سىرت بەش يىلدىن بۇيان رەسمىي يوسۇندا كۆرۈشۈش ئېلىپ بارمىغان.

ئارمان تەييارلىدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

سە نويابىر 15 , 2022
تۈركىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

You May Like